ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6067:قېتىم كورۇلدى
    ئايالىغا كۈيۈنۈش، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ھازىرقى زامان ئەرلىرى ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپانىڭ بىرسى! بەزى ئەرلەر كۈندە دىگۈدەك يۇقىرى قاتلامنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي، ئازراق پۇل تاپقاندىن كىيىنلا، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ ھەشەم قىلىشنى قاتلىمى يۇقىرى بولغانلىق دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىرتقى كۆرۈنۈش بولۇپ، ئەگەر ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىسا، يەنىلا يۇقىرى قاتلامدىكى ئەر كىشى ھىسابلانمايدۇ. ئەمما، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ھەقىقى تۈردە كۆيىنىدىغان ئەرلەرنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلاردا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ئايالىغا كۈيۈنىدىغان ئەرلەر تېخىمۇ ئاسان باي بولىدۇ
   ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، پۇل تېپىپ باي بولۇشنى ئويلىمايدىغان ئەر كىشى بولمىسا كىرەك. گەرچە پۇل ھەممىگە قادىر بولمىسىمۇ، ئەمما پۇل بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ. لىكىن، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك پۇل تېپىپ باي بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، نىمە ئۈچۈن بەزى ئەرلەر ئىزچىل تۈردە بۇ ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ؟ ئەمىلىيەتتە، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك شۇنى بايقايمىزكى، توي قىلغاندىن كىيىن پۇل تېپىپ باي بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئايالىغا كۈيۈنۈشنى بىلىدىغان ئەر كىشىلەردۇر.
    ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتنىڭ قارىشىچە، ئاياللار سۇدىن ياسالغان بولۇپ، سۇ بولسا بايلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەرگە بايلىق ئاسانلا يېقىنلىشىپ كىلىدۇ؛ ئەكسىچە، ئايالىغا كۈيۈنمەيدىغان ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ئەرلەر، ئۆز يولىنى ئۆزى ئۈزۈپ قويغان بولىدۇ.
ئايالىغا كۈيۈنىدىغان ئەرلەر كۆپىنچە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان كىلىدۇ
    ھەربىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەرنىڭ كەينىدە، ئۇلارنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرىدىغان ئايال كىشىدىن بىرسى بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى ئۆيىنى ياخشى باشقۇرالمىسا، ھەدىسىلا ئايالى بىلەن جىدەللىشىپ يۈرسە، ئۇنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يەنە قانداقمۇ زىھنى يىتىشسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنىمۇ بەزلەپ ئىندەككە كەلتۈرەلمىسە، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغىمۇ كۈيۈنۈشنى بىلمىسە، بۇنداق ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىگە كىممۇ ئىشەنسۇن دەيسىز؟
    شۇڭلاشقا، بىر ئەر كىشىنىڭ ئىگىلىكىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ھەرگىز تاساددىبىيلىق ئەمەس؛ ئەكسىچە، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەر تېخىمۇ ئاسان نەتىجە قازىنالايدۇ. چۈنكى، سىز ئايالىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇلار ئاندىن ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ، كەينىڭىزدە سىزنى  قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، ئائىلەڭلار ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم ئىتىدۇ؛ ئەر كىشى ئۈچۈن ئارقا ھويلىنى ياخشى ساقلاپ، ئەرلەرنىڭ پۈتۈن زىھنى بىلەن ئىگىلىكىگە ئاتلىنىشىغا ھەمدەمدە بولىدۇ.
ئايالىغا كۈيۈنىدىغان ئەرلەر، ھەقىقى دوستلۇققا تېخىمۇ ئاسان ئىرىشەلەيدۇ
   ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى، قورسىقى كەڭ بولۇشتۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەركىشى ئايالىغا ئۇزۇن مۇددەت بۇنداق مۇئامىلىدە بولغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلار بۇنى ئۆزىنىڭ بىر خىل پەزىلىتى قىلىپ يىتىلدۈرگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلغاندىمۇ، بۇ خىل پەزىلىتىنى ساقلاپ قالىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، دوستلىرىنىڭ بىردەك ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەر ھەقىقى دوستلۇققا ئىرىشەلەيدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号