قانداق قىلغاندا پىدىگەن قورىغاندا ماي ئازراق كىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 46799:قېتىم كورۇلدى
   ياز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل مىۋە-كۆكتاتلار بازارغا كىرىشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم پىدىگەن بولۇپ، رەڭگى ۋە تەمى جەھەتتىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.
     ياز كۈنلىرى ئادەمگە ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ، بىراق پېدىگەننىڭ ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ ئادەمگە ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇندىن باشقا، ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بولغان ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ قاتارلىقلاردىن باشقا، يەنە ۋىيتامىنلار ۋە تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئىلمىنتلارمۇ نىسبەتەن مول. شۇڭا ئادەتتە پىدىگەننى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، پايدىلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. بىراق، ئادەتتە پىدىگەندە قورۇما تەييارلىغان ۋاقتىمىزدا، پىدىگەن ماينى ئۆزىگە كۆپ سۈمۈرۋالىدىغان بولۇپ، يىگەن ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تۇتىۋالىدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىدىگەن قورىغان ۋاقىتتا، ماينى ئازراق كىتىدىغان قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
    ئادەتتە، پىدىگەننى قورۇش ئۈچۈن قازانغا سېلىشتىن ئاۋال، ئۇنى يۇيۇپ پاكىزلاپ بولغاندىن كىيىن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ بىر قىزىتىۋەتسەك، پىدىگەننى قورۇش جەريانىدا، ئۇ ئۆزىگە ئۇنداق كۆپ مايلارنى سۈمۈرۋالمايدۇ.
    ياز كۈنلىرىدىكى پىدىگەننى كۆپ خىل كۆكتاتلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ تائام تەييارلاشقا بولىدىغان بولۇپ، تەمى تەملىك بولۇپلا قالماي يەنە كۆپ خىل ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى شۇكى، پىدىگەننى يۇيۇپ ئاقلاش جەريانىدا، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ پوستىنى ئاقلاپ سويىۋەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى، پىدىگەن پوستىنىڭ  ۋىيتامىنلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار؛ بۇندىن باشقا، پىدىگەن تىرىسىدە زور مىقداردا سىئانىدىن بار بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ ئادەمنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىش رولى بار.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号