بەدەندىكى ماينى يوقىتىشنىڭ تۆت تۈرلۈك ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5729:ئادەم ئۆگەندى
    ئادەمنىڭ سېمىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغىنى، بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنىڭ زىيادە ئېشىپ كىتىشىدۇر؛ ئۇنداقتا، بەدەننىڭ ماي نىسبىتى دىگەن نىمە؟
    بەدەننىڭ ماي نىسبىتى، بەدىنىڭىزدىكى مايلارنىڭ ئومۇمى بەدەن ئېغىرلىقىڭىزدا ئىگەللەيدىغان نىسبىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە نورمال بولغان بەدەن ماي نىسبىتىنىڭ بىر ئۆلچەم دائىرىسى بولىدۇ. بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان ئۇرۇقلاش بولسا، ئەمىلىيەتتە ئازايتىدىغىنمىز، بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىدۇر. ئۇنداقتا، سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ماينىڭ نىسبىتى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
    بىز تۆۋەندە بىر پارچە سېلىشتۇرما سۈرەتنى رەتلەپ چىقتۇق؛ رەسىمدىكى بەدەن شەكلىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىدىكى ماي نىسبىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تەخمىنەن ھىسابلاپ چىقالايسىز.
    نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئادەتتە ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ماي نىسبىتى %19-%13ئارىسىدا، ئاياللارنىڭ بولسا %25-%17ئارىسىدا بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.
    ئۇنداقتا، بەدەننىڭ ماي نىسبىتى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتسە، يۈگۈرۈپ چېنىققاندىن باشقا يەنە قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق بەدەندىكى مايلارنى تىز سۈرئەتتە يوقاتقىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ.
ياخشى بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش
    ماينى ئازايتىش، ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكنى ئازايتىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ؛ بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تاماق ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇرۇقلاش مەقسىتىدە ھەرقانداق بىر ۋاخلىق تاماقنى ئازايتىۋىتىشكە بولمايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سىز بىر كۈنلۈك قوبۇل قىلىدىغان ئىنىرگىيە مىقدارىنىلا كونتىرول قىلسىڭىز بولىدۇ؛ مايلارنى يوقىتىپ ئۇرۇقلاش مەزگىلىدە، ئەرلەرنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلىدىغان ئىنىرگىيە مىقدارى 1600-1400كالورىيەدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك؛ ئاياللارنىڭ بولسا، 1400-1200كالورىيەدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.
    ئەڭ ياخشىسى، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تاماقنى 5ۋاخقا بۆلۈپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ. يىمەكلىك جەھەتتە، ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر، مىۋە-كۆكتات، يىرىك ئاشلىق قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
HIITھەرىكىتىنى كۆپرەك ئىشلەش
   HIITھەرىكىتى، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئەمما ئارىلىقتا بەلگىلىك ۋاقىت توختاپ ئاندىن قايتا ھەرىكەتلىنىدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىش كەتمەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكسىگىنلىق ھەرىكەتلىنىش ۋە ئوكسىگىنسىز ھەرىكەتلىنىشنى بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، 20مىنۇت داۋاملاشتۇرسا، بەدەندىكى مايلارنىڭ ئىزچىل ھالدا 24سائەت كۆيىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
بەزىبىر كۈچ مەشىقلىرىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش
    بەدەندىكى ماينى كۆيدۈرۈپ ئۇرۇقلاش مەزگىلىدە، كۈچ مەشىقى ئېلىپ بېرىش كەم بولسا بولمايدۇ؛ كۈچ مەشىقى، بەدەن شەكلىمىزنى قۇرۇپ چىقىپلا قالماي، يەنە بەدەننىڭ ئاساسى مىتابولىزىمىنى كۈچەيتەلەيدىغان بولۇپ، پەقەت ئاساسى مىتابولىزىمنى كۈچەيتكەندىلا، ھەرىكەت قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ، بەدەندىكى مايلارنىڭ خورىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
كىچىسى ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىپ، كۆپرەك ئارام ئېلىش
   ئۇيقۇنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلماڭ. ئەگەر كىچىسى ئۇخلىماي ئۇيقىڭىز يىتەرلىك بولمىسا، بەدەندىكى ئۇرۇقلاش ماددىسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ كىتىدىغان بولۇپ، بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولۇپ قالسا، يىمەكلىككە قارىتا ئۆزىنى چەكلەش كۈچى كەملەپ كىتىپ، يىمەكلىكنى كۆپ يەپ سالىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بەدەندىكى ياغلار بارغانسىرى كۆپىيىپ، سەمىرىپ كىتىشنى پەيدا قىلىدۇ.
   ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، بەدەندىكى مايلارنى يوقىتىش بىر ئىككى كۈنلۈك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مەزگىللىك ۋەزىپە. شۇڭا، يۇقارقى نوقتىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇرۋالالىسىڭىز، ياخشى بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزىڭىزدىن ئۇنچە يېراق ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىسىز.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号