ھاۋا تىمپىراتۇرسىنىڭ بارغانسىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ھىممىتىدىن ھۇزرلىنىدىغان مەزگىلمۇ يىتىپ كەلدى. ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە، بازاردىكى ھەرخىل رەڭدىكى تەملىك مىۋە-چىۋىلەر كۆز قاماشتۇرىدىغان بولۇپ، ھازىر دەل ئاناناسنىڭ (菠萝) بازارغا كىرىدىغان ۋاقتى يىتىپ كەلدى. ئاناناسنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەمما باھاسى ئەرزان، تەمىمۇ ياخشى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاناناس ئىستىمال قىلغاندا، تەن ساغلاملىقىغا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق بولىدۇ.

ئاناناس تەركىبىدە كۆپ مىقداردا مىۋە شىكىرى ۋە گىلوكوزا بار بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئاناناسنىڭ بىر خىل تاتلىق تەمى بار؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۇ تەركىبىمۇ مول، شۇڭلاشقا ياز كۈنلىرىدە، ئاناناس ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ئەڭ ياخشى تاللاشلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. ئاناناس تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىلىرى، ماي تەركىبلىرىنىڭ سۈمۈرلۈشىنى ئازايتىپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە ھەزىم قىلىشقا ياردەملىشىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاناناس تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C، قارا رەڭ ماددىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇپ، تىرىنى ئاقارتىپ داغلارنى سۇسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، داۋاملىق ئاناناس يەپ بەرگەندە، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلغىلى بولىدۇ.

ئاناناس گەرچە يۇقىردا ئېيتىلغاندەك نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بەزىبىر نوقتىلارغا دىققەت قىلماي بولمايدۇ.؛ بولۇپمۇ ئاناناس ئىستىمال قىلىپ كەينىدىنلا تۆۋەندىكى ئىككى خىل يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
كالا سۈتى
كالا سۈتى ھەممىمىز ھەردائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يىمەكلىك تۈرىنىڭ بىرى. كالا سۈتى تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، سۆڭەكنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭشىشىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە ياشلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كالا سۈتى ئىچىپ بەرگەندە، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاشقىمۇ بولىدۇ. بىراق، ئاناناس يەپ كەينىدىنلا كالا سۈتى ئىچىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئاناناس تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى مىۋە كىسلاتاسى، كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ يىڭى بىر خىل ماددا ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا قوساق ئاغرىپ ئىچى سۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەن تېخى يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەينى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن.

ماڭگو
ماڭگومۇ بىر قەدەر ئالقىشقا ئىرىشىدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى؛ ماڭگو گەرچە يىيىشلىك بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئادەملەرگە ماڭگو رىئاكسىيە قىلىدۇ. ئەگەر ئاناناس بىلەن ماڭگونى بىللە ئىستىمال قىلسا، رىئاكسىيە قىلىش ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋىتىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، تىرە ياللۇغى پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپ بىرىشىچە، ئاناناسنى ئەڭ ياخشىسى تۇز سۈيىگە بەلگىلىك ۋاقىت چىلاپ قويغاندىن كىيىن ئاندىن ئىستىمال قىلسا، تېخىمۇ تەملىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئاسان رىئاكسىيە قىلمايدىكەن.