ئىككى ئىرى بار ئايال | چەتئەلدە يىڭى ساراڭدىن ئۈچى بايقالدى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5919:قېتىم كورۇلدى
    ئامىرىكىدا 34ياشلىق، جاياما ئىسىملىك بىر ئايال، يېقىندا قاتتىق داڭ چىقاردى؛ ئۇنىڭ نام چىقىرىشىدىكى سەۋەپ بولسا، ئۇنىڭ ئىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا 49ياشلىق جون.خانور ۋە 45ياشلىق ئىئان.فىرگوسون. بۇلار ھازىر ناھايىتى "ئىجىل-ئىناق" ھالەتتە بىر ئۆيدە ياشاۋاتماقتا.
    كۆپچىلىك بۇ ئايالنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قانداق قىلىپ ئىككى ئەرنى ئىندەككە كەلتۈرۋالغانلىقىغا قىزىقىۋاتقانسىلەر ھەقىچان! جايامانىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئوغۇل دوستى جون.خانور بىلەن سىنسىناتى شەھرىدىكى بىر يۈگا مەشىقى سىنىپىدا تۇنۇشۇپ قالغان بولۇپ، كىيىن ئىككىسى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىپ، 6يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن.
    ئىككەيلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئالتە يىل ئۆتكەندىن كىيىن، جون.خانور، جاياماغا يىڭى ئاشنىدىن بىرنى تېپىشنى ئېيتقان...  شۇنداق، خاتا كۆرمىدىڭىز، جايامانىڭ ئاشنىدىن بىرنى تېپىشىنى، بۇ ۋاقىتتىكى ئوغۇل دوستى جون.خانور تەلەپ قىلغان. بەلكىم جايامانىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ناھايىتى چوڭ بولسا كىرەك، ئارىدىن نەچچە ھەپتە ئۆتمەيلا، جاياما 44ياشلىق ئۆي جاھازىلىرى لايىھەلىگۈچى ئىئان.فىرگوسۇن بىلەن مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغان. بىر يىلدىن كىيىن، جاياما ئىئاننىڭ بالىسىغا ھامىلدار بولغان.
    بۇ ۋاقىتتا، جون يەنە ئالدىغا چىقىپ، جايامانىڭ ئىئان بىلەن بولغان ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە قارشىلىق بىلدۈرمەيلا قالماي، يەنە تېخى جايامانىڭ ئىئاننى ئۆيگە كۆچۈرۈپ كىلىپ بىللە تۇرۇشىنى قوللىغان. جون بۇنداق "مەرتلىك" قىلغان يەردە، ئىئانمۇ چۇپەيلىك قىلغىلى خىجىل بولغان چېغى، ئىئان ئۆزى شەخسەن پۇل چىقىرىپ، يېقىن ئەتراپتىن يىڭى ئۆيدىن بىرنى سېتىۋالغان ھەمدە جاياما بىلەن جوننى كۆچۈرۈپ كىلىپ ئۈچەيلەن بىرگە "بەخىتلىك" تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان.
    ھازىر، جاياما بىلەن ئىئاننىڭ بالىسى ئېمون ئىككى يېرىم ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىمونغا بۇنداق مۇرەككەپ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشەندۈرۈش بىر مەسىلىگە ئايلانغان. بىراق، كىچىك ئېمون ئۇلارنى كۆپ تەڭلىككە سالماي، ئىئان ۋە جون ھەر ئىككىسى بىلەن چىقىشپ ئۆتىۋاتقان بولۇپ، ئىئاننى "دادام"، جوننى بولسا "جون دادام" دەپ ئاتىغان.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号