ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزنىڭ مىڭىمىز قايتىدىن "تورغا ئۇلىنىپ" نورمال ئىشلىيەلەيدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر ئۇخلاشنىڭ ئالاھىدە بىرەر سەۋەبى يوق، پەقەت ھايۋاناتلارنىڭكىگە ئوخشاش، بىر خىل ئىنىرگىيە سەرپىياتىنى تىجەش ۋە كۆڭۈل بىئارامچىلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەتلا خالاس دەپ قارايتتى. بىراق، ھازىر شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، ھەتتا دېڭىز ئىچىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلاش ئارقىلىق ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى، يىتەرلىك ئۇخلاشقا ئىرىشەلمىسە، جانلىقلار ناھايىتى بەك ئازاپ ئىچىدە قالىدۇ ھەمدە ئاخىرى بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇخلاشنىڭ بەلگىلىك مەقسىتى ۋە ئىقتدارى بولىدۇ، پەقەت بىز ھازىرچە بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تۇلۇق بىلىپ يىتىپ بولالمىغان.

نۇرغۇنلىغان، ئوخشاش بولمىغان نەزىريەلەر بىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇخلىيالمايدىغان ھايۋاناتلار كىسەل بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كىتىدۇ: ئۇلار ئۇخلىمىغانلىقتىن، جاراھىتى ئېغىز ئېلىپ ساقىيالمايدۇ؛ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ، تىرىسى ناچارلىشىپ كىتىدۇ، ئىممونت سېستىمىسىمۇ بۇ سەۋەپلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ پۈتۈنلەي گۇمران بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بىزنىڭ ئۇخلىشىمىزدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا، ئۇخلاش مەزگىلىدە، ئادەم بەدەن ئورگانىزىمى ئۆز-ئۆزىنى ياخشىلاپ ئوڭشايدۇ ھەمدە ئەسلىگە ئەكىلىدۇ؛ ئەمما ئادەم ئويغاق ۋاقىتتا، بەدەن ئورگانىزىمى بۇنداق قىلالمايدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئۇخلىماسلىق ئەڭ ئۇزۇن رىكورتى 264سائەت(ساق 11كۈن) بولۇپ، گەرچە ئىلگىرى ئەنگىلىيەلىك بىر ئايال ئۇدا 18كۈن ئۇخلىمىغان دىگەن گەپ تارالغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھېچقانداق ئىسپاتلاشقا ئىرىشەلمىگەن؛ شۇڭلاشقا ھازىرچە ئەڭ ئۇزۇن ئۇخلىماسلىق رىكوتى 264سائەت. بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىمىسا، ئادەمدە خىيالى ساختا تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ ھەمدە خاتىرىسىنى يوقىتىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە جاھىل، گالۋاڭ، مىجەزى ئەسكى بولۇپ ئۆزگىرىپ، بەزىبىر قوشۇش ئېلىش دىگەندەك ئاددى ماتىماتىكىلىق ھىسابلاشلارنىمۇ ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇيقۇ يىتىشمەسلىك، ئادەمنىڭ ئەس-خاتىرىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىۋىتىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئۇخلاش ھالىتىدىكى چوڭ مىڭىدىمۇ ھەمىشە بەزىبىر پائالىيەتلەر كۆرىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئالىملار ئۇيقۇنىڭ ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى بولسا، مىڭىنىڭ ئۆزىنى قايتا تەشكىللىشى، كۈندۈزى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى رەتلەپ بىتەرەپ قىلىشى ۋە ئويغاق ۋاقىتتا قىلىشقا ئامالسىز بولغان بەزىبىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشى قاتارلىقلارغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىش بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

