بېلىق شورپىسى قاينىتىشتا بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ساۋاتلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 43909:قېتىم كورۇلدى
    بېلىق شورپىسىنىڭ رەڭگىنى سۈتكە ئوخشاش ئاپئاق چىقىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟ بېلىققا ئالدىنئالا كالا سۈتى ئىچكۈزۈپ قويۇش كىرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بېلىقنىڭ شورپىسىنى ئاپئاق ھالەتتە چىقىرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوڭ ئوتتا قاينىتىش كىرەك، بۇنىڭدا ماي تەركىبلىرىنى پارچىلاپ تارقىتىۋەتكىلى بولىدۇ؛ ئەمما بېلىقنىڭ ماي تەركىبى ئەسلىدىنلا ئاز بولغاچقا، شۇڭا ئالدى بىلەن مايدا بىر داغلىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
    شورپىنىڭ ئاق سۈترەڭگە كىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ بىرى ياغ تەركىبىنىڭ رولى بولۇپ، ئەمىلىيەتتە، ئۆزلۈكسىز تۈردە قاينىتىشقا ئەگىشىپ، سۇنىڭ قارمۇ-قارشى ئېقىش رولى تەسىرى ئاستىدا، شورپا پۇرۇقلاپ قاينايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يىمەكىلىك تەركىبىدىكى ياغ تەركىبلىرى سۇ مولىكولالىرى تەرپىدىن سوقۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان كىچىك ماي تامچىلىرىغا ئايلىنىپ شورپا ئىچىگە تەكشى تارىلىدۇ ھەمدە بىر خىل دۇغا شەربەت ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنىڭ ئىلمى ئاتىلىشى ئادەتتە دۇغا سۈت سۇيۇقلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ.
قاينىغان سۇغا سېلىش كىرەك
   بېلىق شورپىسى تەييارلاشتا، سۇ قايناپ چىققاندىن كىيىن ئاندىن بېلىقنى سېلىش كىرەك، بۇنىڭدا قايناتقان شورپا سۈت رەڭگىدە چىقىدۇ. چۈنكى، يېڭى بېلىقنىڭ گۆشى يۇمران بولغاچقا، قاينىغان سۇغا سالساق، بېلىقنىڭ سىرتىقى يۈزى بىراقلا يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا ئۇچرايدۇ؛ ئەگەر سۇغۇق سۇغا سالساق، سۇنىڭ تىمپىراتۇرسىنىڭ تەدرىجى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بېلىق گۆشىنىڭ سىرتقى يۈزى كۈيۈپ، سىلىقلىقىنى يوقىتىدۇ، بۇنىڭدا بېلىق گۆشىنىڭ سۈپىتىگە ۋە تەمىگە تەسىر يىتىدۇ.
بېلىقنى داغلىغاندا قانداق قىلساق قازانغا چاپلىشىپ قالمايدۇ
    بېلىقنى داغلىغان ۋاقىتتا ئاسانلا قازانغا چاپلىشىۋالىدىغان بولۇپ، بەزىلەر ئازراق تۇز قوشىۋىتىدۇ، يەنە بەزىلەر قازان قىزىغان ۋاقىتتا قازاننىڭ ئىچكى دىۋارىغا زەنجىۋىل سۇۋاپ يۇقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈنۈمى بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس. ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، قازاننى تازا قىزىتقاندىن كىيىن، سۇغۇق ماينى قازانغا قۇيۇپ، قازاننى تەۋرىتىپ ياكى چۆمۈچتىن پايدىلىنىپ قازاننىڭ ئىچكى دىۋارىغا ماي يۇقتۇرۋەتكەندىن كىيىن، ماينى يىتەرلىك دەرىجىدە قىزىتىپ بېلىقنى سېلىپ داغلىساق، ئىشىنىڭكى، بېلىق ھەرگىز قازانغا چاپلىشىۋالمايدۇ.
تۇزنى قاچان تەڭشەيمىز
   ئاخىرىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا شۇكى، شورپىنى سۈت رەڭگىدە چىقىرىمىز دىسەك، شورپىنى چوقۇم چوڭ ئوتتا قاينىتىشىمىز، سۇنى باشتىلا يىتەرلىك قۇيىۋىلىپ، ئوتتۇرلۇقتا ئەڭ ياخشىسى سۇ قوشماسلىقىمىز كىرەك. بۇندىن باشقا يەنە، تۇزنى ئاخىرىدا قوشۇش لازىم؛ ئەگەر تۇزنى باشتىلا قۇشىۋالسىڭىز، بېلىق تەمى شورپىغا چىقالماي قالىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号