بۇ خىلدىكى ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى سىزنىڭچە قانداقراق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5805:قېتىم كورۇلدى
    چەتئەللىك بىر ئەر، ئۆزى تۇرۋاتقان جاينىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا، ئۆزىنىڭ ئامراق ماشىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ماشىنا ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە ئازراق تاكتىكا ئىشلىتىپ، ماشىنا ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە رەسىم سىزىپ چىققان؛ ئويلىمىغان يەردىن، ئۇنىڭ بۇ ئامالى راستىنلا ئۈنۈم بەرگەن.
    ئەسلىدە، ئۇ رەسىم سىزىش ماھارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر رەسسامنى تەكلىپ قىلىپ، ماشىنا ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە، ساقچى ماشىنىسىنىڭ  3Dپۈركۈلمە سۈرىتىنى سىزغۇزغان! يېراقتىن قارىغاندا، ھەقىقەتەن بىر ساقچى ماشىنىسى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا توختىغاندەك كۆرۈنەتتى.
    شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بۇ ئىنتايىن ئىجادىيەتچانلىققا ئىگە بىر ئۇسۇل بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىرىشكەن. چۈنكى، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئادەتتە، ساقچى ماشىنىسىنى كۆرسە بەدەر تىكىۋىتىدۇ ئەمەسمۇ!
    بىراق، بۇ خىل كۆز بۇيامچىلىق قىلىش ئۇسۇلى يەنىلا ئۇزۇن مەزگىللىك ئامال ئەمەس. بۇ ئۇسۇلنىڭمۇ بەلگىلىك يىتەرسىزلىكلىرى بولىدۇ؛ خۇددى تۆۋەندىكى رەسىمگە ئوخشاش. بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى ئىشىكىگە داغدام يولدىن بىرنىڭ پۈركۈلمە سۈرىتىنى سىزىپ چىققان؛ ئۇ ئەجىبا ئۆتكۈنچى ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ راستىنلا خاتا تۇنۇپ قېلىپ، ئىشىكنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرمەمدىغاندۇ؟
    شۇڭلاشقا، بۇ خىل غەلىتە ئۇسۇللار ئارقىلىق ماشىنا ئۆيىنى بىزىمەكچى بولغان دوستلار، مەزمۇن جەھەتتە ياخشى ئويلانمىسا بولمايدۇ؛ بولمىغاندا، ئوغرى كەلمەي تۇرۇپ، قاتناش ساقچىسىنى باشلاپ كەلسە ياخشى بولمايدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

بۇ خىلدىكى ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى سىزنىڭچە قانداقراق

چەتئەللىك بىر ئەر، ئۆزى تۇرۋاتقان جاينىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا، ئۆزىنىڭ ئامراق ماشىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغ

ھىندىنوزىيەدە پويىز يولىدا يېتىۋالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپلەپ كەتتى

ھىندىنوزىيەدە، بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پويىز رىلىسىدا يېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. بىراق، ئۇلار پويىز يولىدا ئۆزىنى

قوساق ھەرقانچە ئېچىپ كەتسىمۇ بۇ كۆكتاتلارنى يىيىشكە بولمايدۇ

ھازىر تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ بارغانسىرى ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قوساق تويغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزىلىك تائاملاردىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ بولى

نامراتلىشىپ كەتكەنسىرى بۇ ئىككى خىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈڭ

سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بولالماي كارۋاتتا بىردەم يېتىۋالماقچى بولۇۋاتقاندا، خىزمەت مەيدانىدىكى قابىللار ئاللىبۇرۇن قەھۋە ئىچك

ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى

بىراق، پاسسىپ ئىنىرگىيەگە تولغان بىر ئادەم، ھەر ۋاقىت چۈشكۈنلۈككە پېتىپ چىقالمايدۇ، ياخشى بىر كىشىلىك ھاياتقا ئىرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ب

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号