ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇرمايدىغان كىلەمدۇ؟ مىنىڭ كۆزىتىشىمچە ئەمىلىيەت بۇنداق ئەمەس. گەرچە ئۇرۇق ئاياللار كىيىم كېيگەندە چىرايلىقراق تۇرسىمۇ، ئەمما ھەقىقى ئارىلاشقان ۋاقىتتا، ئۇرۇق ئاياللارنىڭ پۈتۈنلەي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كىتىشى ناتايىن.
مەن بىر نەچچە خوشنامنى زىيارەت قىلىپ باققان ئىدىم، " سىز سېمىز ئايال كىشنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئايال كىشىنىمۇ؟" دىگەن بۇ مەسىلىدە، ئۈچ ئەركىشى ئۆز كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

A ئەپەندىم: مەن سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ مىجەزى ئوڭلۇق كىلىدۇ
مىنىڭ ئىلگىرى بىر قىز دوستۇم بار بولۇپ، ئۇ ناھايىتى ئۇرۇق، ئۆزىمۇ چىرايلىق ئىدى؛ بىراق، كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا ئارىلىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقى ئۇنچە ياخشى ئەمەس. بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا بەك تەمەننا قويسا كىرەك، ھەمىشە ماڭا ئاچچىقلىنىپ، مىنى ھەمىشە ئۇنى بەزلەپ كۆڭلنى خوش قىلىشقا مەجبۇر قىلاتتى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەن بۇنىڭغا چىداپ بولالمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، ھازىرقى ئازراق سېمىزرەك كەلگەن قىز دوستۇم بىلەن تۇنۇشتۇم؛ ھازىرقى بۇ قىز دوستۇمنىڭ مىجەزى شۇنداق ياخشى، چىقىشىپ ئۆتمەك ئاسان. بەلكىم ئۇ سېمىز بولغاچقا "كۆكسى قارنىمۇ كەڭرەك" كىلىدىغان ئوخشايدۇ.
شۇڭلاشقا، مەن يەنىلا ئازراق سېمىز كەلگەن ئايال كىشىنى ياخشى كۆرىمەن؛ ئىككى تەرەپ بىرگە ئۆتكەندە خۇشال-خۇرام ئۆتەلىسە، بەخىت ھىس قىلالىسا، ئازراق سېمىز بولسا نىمە بولماقچىتى دەيسىز؟

Bئەپەندىم: ئايال كىشى بەك ئۇرۇق بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ، ئازراق سېمىزرەك بولسا ساغلام ھىسابلىنىدۇ
مەن ئىلگىرى بەزى ئاياللارنى كۆرگەن؛ ئۇلار ئۇرۇق تۇرىمىز دەپ قان تىكىپ ئۇرۇقلايدۇ، مەن بىرسىنىڭ ھەتتا بىر ھەپتە تاماق يىمەي مىۋە-چىۋە يەپلا ئۆتكىنىنى كۆرگەن.
بۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئازراق گۇمانلىنىپ قالدىم، بۇنداق ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاپ قولغا كەلتۈرگەن بەدەن شەكلى راستىنلا ساغلام بولامدىغاندۇ؟ گەرچە ئۇرۇق ئاياللار نىمە كەيسە يارىشىملىق ھەم چىرايلىق كۆرۈنسىمۇ، شۇنداق ئادەمنى بىرقەدەر بەكرەك جەلپ قىلسىمۇ، ئەمما مەن يەنىلا سېمىزرەك كەلگەن ساغلام ئايال كىشىنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى، ئايال كىشى سېمىزرەك بولسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق؛ ئەمىلىيەتتە، ساغلاملىق ھەممىدىن مۇھىم.

Cئەپەندىم: سېمىزرەك ئاياللار بىلەن بىرگە ئۆتكەندە ئادەم بىر قەدەر خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە مەلۇملۇق، ئازراق سېمىز كەلگەن ئاياللار ئادەتتە ئېغىزىنى يېغالمايدىغان بولۇپ، توختىماي بىرنەرسە يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ خۇشال بولمىقى نىسبەتەن ئاسان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئايال كىشى بىلەن بىرگە بولغاندا، ئادەم ئۇلارنىڭ خۇشال كەيپىياتىدىن ئاسانلا يۇقۇملىنىپ، ئۆزىمۇ ئاسانلا خۇشاللىق ھىس قىلالايدۇ. شۇڭا مەن بۇنداق ئايال كىشىنى بەكرەك ياخشى كۆرىمەن.