بوۋىقىڭىزغا تەۋرەنمە كارۋات سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5846:قېتىم كورۇلدى
    ئامىرىكا ئىستىمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك كومتىتى 13- ئاپرىل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامىرىكا "فيشۆ" بالىلار ئويۇنچۇقى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بىر خىل بوۋاقلار تەۋرەنمە كارۋىتى بار بولۇپ، ئالاقىدار دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە بۇ خىل تەۋرەنمە كارۋات 30دىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان؛ ھازىر "فېيشۆ" شىركىتى، تەخمىنەن 4مىليۇن 700مىڭ ئەتراپىدىكى ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۋىلىشنى قارار قىلغان.
    ئامىرىكا ئىستىمال مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك كومتىتى كەڭ ئىستىمالچىلارغا، بۇ خىلدىكى تەۋرەنمە كارۋاتنى ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشنى ۋە "فېيشۆ" شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشپ مالنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
   "فېيشۆ" بالىلار ئويۇنچۇقى شىركىتى 1930-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يەرشارى مىقياسىدىكى داڭلىق بالىلار ئويۇنچۇقى ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا؛ بۇ شىركەت، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ئامىرىكا مېيتەي شىركىتىنىڭ پۈتۈن مەبلەغلىك بالا شىركىتىگە ئايلانغان.
    ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، "فېيشۆ" شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىمۇ نۇرغۇن سېتىش نوقتىلىرى بار ئىكەن، بۇندىن باشقا ئاز بولمىغان تور سودىگەرلىرىمۇ "فېيشۆ" شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىكەن؛ بىراق، بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىلغان بۇ خىلدىكى مەسىلىسى بار تەۋرەنمە كارۋاتنىڭ، دۆلىتىمىز ئىچىدە رەسمى يۇسۇندىكى سېتىش يوللىرى ئارقىلىق سېتلىغان ياكى سېتىلمىغانلىقىنى، ھازىر ۋاقتىنچە جەزىملەشتۈرگىلى بولمىغان.
   ئامىرىكا بالىلار كىسەللىكى ئىلمى جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ياسۇدا دوكتۇر مۇنداق دىگەن: "بۇ خىل تەۋرەنمە كارۋات بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئاتا-ئانىلار بالىسى ئۈچۈن بۇ خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، ھەممەيلەن تاللا بازىرىدا سېتىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بىخەتەر مەھسۇلاتلار دەپ ئويلاپ قالىدۇ؛ ئەمما ئەمىلىيەتتە بولسا، ئۇنداق بولمايدۇ. ھازىر يىتەرلىك ئىسپاتلار، بۇ خىل بوۋاقلار كارۋىتىنىڭ بوۋاقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ."
    ئامىرىكا بالىلار كىسەللىكى ئىلمى جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوۋاقلار ئادەتتە ئۇخلىغان ۋاقىتتا، تولا ئۆرۈلۈپ ياتىدىكەن؛ ئەمما ئۇلار بەزىبىر ئۇخلاش ھالەتلىرىدە دەرھال ئۆرۈلەلمەي، تۇنجىقىپ قېلىش خەتىرى يۈز بىرىدىكەن. شۇڭلاشقا، بوۋاقلارنى بۇ خىلدىكى "فېيشۆ" تەۋرەنمە كارۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر يانتۇلۇقى بار ئۇخلاش كارۋىتىدا ياتقۇزماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号