مۇھەببەت دۇنياسىدا، كۆپ ۋاقىتلاردا كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بولغىلى بولمايدۇ. بىراق، ياندا قاراپ تۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا كاللىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزى نىمىنى كۆرگەن بولسا، بۇنى دەرھال مىڭىگە يوللايدۇ؛ مىڭە، ئادەتتە ئۆزىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، بۇ ئىشقا بولغان خاتىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، بۇ ئىشنىڭ قانداق بىر خارەكتىردىكى ئىش ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ.
مەسىلىگە چېتىلغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھەيران قالارلىق، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشتەك بىلىنگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما ئىككى جىنىسلىقلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىكى نۇرغۇنلىغان قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئامال بولمايدۇ؛ بۇ قانۇنىيەتلەر خۇددى پولات-تۈمۈردەك قاتتىق كىلىدىغان بولۇپ، ئەر-ئاياللار ئارىسىدا تۇرۇپلىۋالىدۇ. ئۇنداقتا مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئەر-ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان قانداق پولاتتەك قانۇنىيەتلەر مەۋجۇت؟

ئەر-ئايال جىدەللىشىپ قالغاندا، ئايال كىشى يىغلىسىلا، ھەممەيلەن بۇنى ئەر كىشىنىڭ خاتالىقى دەپ قارايدۇ
يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىدە، جىدەللىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ جىدەللىشىپ بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن ئاياللار ئۇۋالچىلىق ھىس قىلىپ، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلىشىپ كىتىدۇ؛ ئۇلار يىغلىغان ھامانلا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا، نۇرغۇن كىشىلەر، ئەر كىشى بۇ ئايال كىشىنى بوزەك قىپتۇ دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇ ئايال كىشى ئازاپقا چىدىيالماي يىغلاپ كىتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئەر كىشى بىلەن ئايال كىشى جىدەللىشىپ قالسا، چوقۇم ئەر كىشىنىڭ خاتالىقى ھىسابلىنىدۇ.

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئايال كىشى ئەركىلەشكە ماھىر كىلىدۇ، ئەر كىشى بولسا يالغان ئېيتىشقا ماھىر كىلىدۇ
مەيلى مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىت بولسۇن ياكى توي قىلىپ ئەر-خوتۇن بولغان بولسۇن، ئايال كىشى ھەمىشە ئەركىلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچى ھەمدە ئەر كىشىنى مۇرەسسەگە چۈشىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسۇل، ھەمىشە ياخشى ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ. ئاياللار بۇ ئۇسۇلنىڭ ياخشىلىقىنى تېتىپ يەتكەندىن كىيىن، ئۇلار بۇ ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ، ھەرقانداق كىشىلەر ئۇلارغا يىتەلمەيدۇ.
بىراق، ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتى جەريانىدا، مەيلى قايسى ۋاقىت ياكى قايسى جايدا بولمىسۇن، ئايال كىشى تۇغۇلۇشىدىنلا ياغلىما گەپلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ئەرلەر ئايال كىشىگە يالغان ئېيتسا، ئۆزىنى نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قالىمەن ھەمدە ئويلىمىغان پايدىلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشەلەيمەن دەپ ئويلاپ، ئايال كىشىگە قارىتا ھەمىشە يالغان ئېيتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئايال كىشىگە خۇشامەت قىلىدۇ.

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ياشلىق باھارى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئاياللار سۈپەت قوغلىشىشقا باشلايدۇ، ئەرلەر بولسا باشقىلارنىڭ ياشلىق باھارىدىن ھۇزۇرلىنىشنى باشلايدۇ.
ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئىككەيلەننىڭ بىر-بىرىگە بولغان جەلپكارلىقى، بىرگە بولغان ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى يوقاپ كىتىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ياشلىق باھارى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇ سۈپەت قاتلام قوغلىشىشقا باشلايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەپتۇن قىلارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ياشلىق باھارىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولىدۇ؛ ئەلۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ بولغىى، بۇ ئەركىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ كىتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن بولىدۇ.
بىراق ئەرلەرنىڭ ياشلىق باھارى ئۆتۈپ كەتكەندە، ئەرلەرنىڭ ئويى ئاياللارنىڭىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ ياشلىق باھارىدىن ھۇزۇرلىنىشقا باشلايدۇ؛ بۇ دەل، ئەرلەرنىڭ ھەمىشە ئۆزىدىن ياش ھەم چىرايلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرىشىدىكى سەۋەپتۇر. ئەركىشى مەيلى قانچىلىك چوڭ ياشتا بولمىسۇن، ئۇلار مەڭگۈ ياش ھەم چىرايلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەر-ئاياللار مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلنى ئىشلەتمىسۇن، ئەمىلىيەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئىرىشمەكچى بولغان بولىدۇ. پەقەت، بۇ جەرياندا سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز قارشى تەرەپنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ قويمىسىلا، بۇ ئۇسۇل ئاساسى جەھەتتىن مەسىلە يوق بولىدۇ، پەقەت ئىككەيلەننىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىدىغان ئۈچ خىل قارىشى بار بولسىلا كۇپايە.
