ئاجراشقان ئايال كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ياشاش ئۇسۇلى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
    ئاياللار ئاجراشقاندىن كىيىن، ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ياشاش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟ قايتا توي قىلىشمۇ؟ دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن!
رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا تىرىشقاندا، ئاندىن چىرايلىقچە قول قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ
    ئىككى ئادەمدىن بىر ئادەمگە ئايلانغان ۋاقىتا، ئادەم بەلكىم ئازدۇر-كۆپتۇر ئازاپلىق ھىس قىلىشى ۋە كۆنەلمىگەندەك ھىس قىلىشى مۇمكىن. بىراق، ئايرىلىپ كەتكەن ئىكەنمىز، ئاياغلاشقان توي مۇناسىۋىتى بولسۇن ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن ئادەم بولسۇن، ئەمدى قايتا يېنىپ كەلمەيدۇ.
    خىيال دۇنياسى بەلكىم گۈزەل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ ھەقىقى كىشىلىك ھاياتىمىز، رىئاللىقتىكى تۇرمۇشتا. گەرچە ئاجرىشىپ كىتىشنىڭ ئايال كىشىگە ئېلىپ كىلىدىغان ئازابى ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما يەنە داۋاملىق كۈن ئۆتكۈزمەي بولمايدۇ؛ شۇڭا، رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش كىرەك.
ئۆتمۈشنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتىپ، كىشىلىك ھاياتىنى يىڭىدىن باشلاش
    بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۆتمۈشكە چۆكۈپ قېلىش ئەخمەقلىق بولىدىكەن. چۈنكى، ئۆتمۈشكە قايتىپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما كەلگۈسى ھەر مىنۇت ھەر سىكونتتا يىتىپ كىلىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە بەزى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس؛ پەقەت ئىرادىمىز مۇستەھكەم بولسىلا، چوقۇم مۇھەببەت ئېلىپ كەلگەن پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى يىڭىپ چىقىپ كىتەلەيمىز ھەمدە بەخىتسىز كەلگەن ئۆتمۈشنى مەڭگۈ كۆمىۋىتەلەيمىز.
ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز دەم ئېلىش بىرىپ، بىر كىشىلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىڭ
    ئاياللار بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ھەمىشە بۇ ئەر كىشى ئۈچۈن ئۆزىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ؛ بولۇپمۇ توي تۇرمۇشىدا، ئايال كىشى ئۆي ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلارنى بىرىدۇ.
   ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، ئۆزىڭىزنى ئۇزۇن بىر دەم ئېلىشقا قويۇۋىتىڭ ھەمدە ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان يوللاردىن مېڭىپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن مەنزىرلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ؛ بىر كىشىلىك تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىشنى ئۆگىنىپ، بىر كىشىلىك تەنھالىققا كۆنۈشكە تىرىشىڭ.
ئۆزىڭىزنى پولاتتەك تاۋلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىڭ
    بىر ئايال كىشى ھەر قانداق ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بىرىپ ئۆتۈپ كىتەلەيدىغان بولغان ۋاقتىدا، ھەرقانداق ئادەمگە تايىنىشقا ھاجەتسىز بولىدۇ. مۇھەببەت بولسا ئىككى ئادەمنىڭ ئىشى، تويلىشىش بولسا ئىككى ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئەمما بەخىت بولسا، بىر ئادەمنىڭ ئىشى.
   ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىڭ، ھەم ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشىشكە تىرىشىپ، بەخىتلىك كىشىلىك ھايات يارىتىڭ. مەيلى كەلگۈسىدىكى يول قانچىكى جاپالىق بولمىسۇن، باتۇرانىلىق بىلەن بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلىشىڭىز كىرەك.
    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى كۆپ ئويلىماي، كەلگۈسىدىكى جاپا-مۇشەققەتلەردىن قورقۇپ قالماڭ؛ گەرچە بىر ئادەم يالغۇز ئۆتۈشتە غېرىپلىققا قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئىككى ئادەمنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى قىيناپ ئۆتىشىدىن ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، قايتىدىن بىر ئەر كىشى بىلەن تويلىشىپ يەنە ئاجرىشىپ كەتكەندىن كۆرە، ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزگىنىمىز ئەۋزەلدۇر.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号