ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ھىسيات قالمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5865:قېتىم كورۇلدى
    بارلىق مۇھەببەتنىڭ ھەممىسىلا چىچەكلەپ مىۋە بەرمەيدۇ، ئەگەر سىلەر مۇھەببەت دەرىخىڭلارنى تىككەندىن كىيىن، ئۇنى ياخشى سۇغۇرۇپ پەرۋىش قىلمىساڭلار، ئۇنداقتا تىكىپ بولغان بىلەنمۇ ئاسانلا قۇرۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى، مۇھەببەتلىشىپ بىرگە بولۇش، ئۆمۈرلۈك بىرگە بولۇشتىن دىرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر سىلەر تويدىن كىيىن، مۇناسىۋىتىڭلارنى ياخشى قامداشقا تىرىشمىساڭلار، ئۇنداقتا بىرگە بولغان تەقدىردىمۇ ھامان بىر كۈنى ئايرىلىپ ئۆز يولىغا ماڭىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. تۆۋەندىكىلەر، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مۇھەببەت قالمىغاننىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەگەر ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە بۇلاردىن بىرەرسى كۆرۈلۈپ قالسا، بىر-بىرىنى ئازاپلاپ ئولتۇرماي، ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق قول قويۇۋەتكەن ياخشى.
ئىككەيلەن يالغۇز بىرگە قالغان تەقدىردىمۇ، ئورتاق پاراڭ تېمىسى تاپالماي، ئۆز ئالدىغا يانفون ئويناش
    ئەگەر ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدا يەنە مۇھەببەت بار بولسا، ئۇنداقتا ئىككەيلەن يالغۇز قالغان ۋاقىتتا، پاراڭ قىلىشمىغان تەقدىردىمۇ، بىر-بىرى بىلەن چاتىقى بولماي يانفون ئويناپ ئولتۇرمايدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار يالغۇز بىرگە تۇرۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشسە، چوقۇم بىر-بىرىگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بار بولىدۇ؛ قارشى تەرەپ بىلەن ئۆزى خىزمەتتە دۇچ كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى ياكى باشقا قىزىقارلىق ئىشلارنى ھەمبەھىرلىنىدۇ، قارشى تەرەپمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ.
     بىراق ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدا مۇھەببەت قالمىغاندا، ئىككەيلەن يالغۇز بىرگە قالغان تەقدىردىمۇ، ھەر ئىككىسى ئۆز ئالدىغا يانفون ئويناپ، بىر-بىرى بىلەن چاتىقى بولمايدۇ، ھېچقايسىسى بىرەر پاراڭ تېمىسى ئىزدەپ تېپىپ قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىشنى ئويلاشمايدۇ. ئەگەر بۇ  ئەھۋالغا كىلىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا ئىككەيلەننىڭ بىرگە ئۆتىشى، بىر-بىرىنى ئازاپلاپ قىينىغاندىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.
ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا بىر تەرەپ ياكى ھەر ئىككى تەرەپ تالاغا قاراش
    توي تۇرمۇشىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىر-بىرىگە ساداقەتمەن بولۇشتۇر. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپ ياكى ھەر ئىككى تەرەپتە تالاغا قاراش قىلمىشى كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى قارشى تەرەپنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن بىلەنمۇ، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتتە چاك پەيدا بولۇپ بولغان؛ بۇ ۋاقىتتا، ئۆتمۈشتىكى ھالەتكە قايتىش، ئاساسى جەھەتتىن مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى، تالاغا قاراشتىن ئىبارەت بۇ قىلمىش، قارشى تەرپنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغانغا ئوخشاش بولۇپ، ئاخىرىدا قۇتقۇزىۋىلىنىغان بىلەنمۇ، يۈرەكتە يەنىلا ئۆچمەس ئىزناسى قالغان بولىدۇ، ھەر نىمە قىلغان بىلەن ئورنىغا ئەكەلگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىل ھالەتكە يەتكەن مۇھەببەت، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بارغانسىرى سۇسلىشىپ ماڭىدۇ.
ئوتتۇرلۇقتا ئەڭ ئاساسلىق بولغان ئىشەنچمۇ قالماسلىق
    ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مۇھەببەت قالمىغانلىقنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بەلگىسى، بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ھەمىشە بىر-بىرىدىن گۇمان قىلىش. بۇنداق ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، ئاخىرىدا ئۆز-ئارا گۇمان قىلىشتىن باشقا ھېچنىمە قالمايدىغان بولۇپ، ھەركۈنلۈكى دىگۈدەك بەزىبىر كىچىك ئىشلار ئۈچۈن جىدەللىشىپ ئۆتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەت بۇنداق ئۆزلۈكسىز كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان زىددىيەتلەرگە بەرداشلىق بىرەلمەي، ھامان بىر كۈنى ئايرىلىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسا، ئۇنداقتا ۋاقىت ۋە ھىسيات ئىسراپ قىلىۋەرمەي، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىگە بالدۇرراق چىقىش يولى ئىزدەشكە باشلىغان ياخشى.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号