مىنىڭ بىر نەۋرە ئاچام 30ياشقا كىرىپ قالاي دەپ قالغان بولۇپ، يېقىندا ئىلگىرى بىر توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن بىر ئەر كىشى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، بىراق ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلمىغان. تۇققانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دىيىشىتى: بىز سىزنىڭ بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر بىلەن توي قىلىشىڭىزغا قارشى ترۇماقچى ئەمەس؛ بىراق، توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ئەرلەرنىڭمۇ ياخشى يامىنى بولىدۇ. بىراق سىز ئۇنىڭ چۈشىنەمسىز؟ ئۇنىڭ بالىسى يەسلىگە كىرىپ بوپتۇ، سىز ئۇنى قوبۇل قىلالامسىز؟ سىز ئۆگەي ئانا بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ بولدىڭىزمۇ؟ كىيىنكى كۈنلىرىڭلارنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىڭلار ھەققىدە مۇزاكىرلىشىپ باقتىڭلارمۇ؟
بۇ ۋاقىتتا نەۋرە ئاچام سۈكۈتكە چۆمدى. كىيىن باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ ئەر كىشىنىڭ نۇرغۇن ناچار ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئايالىدىن ئاجرىشىپ كىتىشى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنىڭ ئۇنىڭ مىجەزىگە چىداپ بولالمىغانلىقىدىن بولغان. ئاخىرىدا، نەۋرە ئاچاممۇ ئۇ ئەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى.

ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن چەك پىرىنسىپنى يوقاتقان ھالدا داۋاملىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ئەر كىشىگە ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ.
ئاياللار توي قىلغاندىن كىيىن ئەڭ قورقىدىغىنى، ئۇلارنىڭ يەنە ئىلگىرىكى قىز دوستى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزەلمەسلىكىدۇر؛ شۇڭا ئىلگىرىكى ئايالىنى تېخىمۇ دىيىش كەتمەيدۇ. ئۇلار ئىلگىرى بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققان كىشىلەر، ئەگەر مۇناسىۋەتنى تەلتۈكۈس ئۈزمىگەندە، كونا مۇھەببىتىنىڭ يالقۇنجاپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بالىنىڭ توغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە ئىلگىرىكى ئايال بىلەن بىرگە ئۆتكۈزسە، ئىلگىرىكى ئايالى ئازراق بىر ئىشلارغا ئۇچرىسىلا، ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك ئىلگىرىكى بۇ ئىرىگە تېلفون قىلسا، بۇنداق ئەھۋاللارغا مىنىڭچە ھېچقانداق ئايال كىشى چىداپ بولالمايدۇ. قايتا تويلاشقان ئەرلەر، ئىلگىرىكى ئايالى بىلەن چوقۇم چەك-چىگرانى ئىنىق ئايرىش كىرەك؛ ئىلگىرىكى ئايال بىلەن مەيلى تىنچ يولدا ئاجراشقان بولسۇن ياكى قايىل بولمايدىغان باشقا سەۋەپلەر بار بولسۇن، ھازىرقى ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا يىتەرلىك ھۆرمەت بىرىشى كىرەك.

توي قىلغاندىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ چىقىمىغا ئۆزىمىز ئىگە بولىمىز دەيدىغان بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشىگە ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ
بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىدە، ئايال كىشىگە قارىتا ئازدۇر-كۆپتۇر نارازىلىقى بولىدۇ. بىراق ئەگەر ئەركىشى ھەممە نەرسىنى ئىنىق ئايرىپ ئۆتىمەن دىسە، ئۇنداقتا ئۇ خوتۇن ئېلىش ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىشىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئادەمدىن بىرنى ئىزدەۋاتقان بولىدۇ. ئەر-خوتۇنلار ئەسلىدىلا بىر گەۋدە، ئەر-خوتۇنلارغا ئورتاق بولغان مال-مۈلۈكنى ئىنىق ئايرىپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىشىنىش ۋە ھۆرمەت بەرمىسە، ئۇنداقتا بۇ خىل ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزۇنغا داۋاملىشالمايدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز چىقىمىزنى ئۆزى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى، بۇ ئۇنىڭ سىزنى تازا ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغانلىقىغا ۋە سىزگە ئىشەنمەيدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ياخشىسى ئۈمىد قىلمىغىنىڭىز ياخشى.

نەزىرىدە ئۆز بالىسىدىن باشقىسى يوق بولغان بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشىگە ياتلىق بولۇشقا بولمايدۇ
بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەركىشىنىڭ بالىسى بار بولسا، ئايال كىشى چوقۇم ياخشى ئويلانمىسا بولمايدۇ. ئۆگەي ئانا بولۇش ئەسلىدىنلا ئاسانغا توختىمايدىغان بىر ئىش. بويتاق دادىنىڭ ئۆزى يالغۇز بالا بېقىشى ئوڭاي ئەمەس، ئاق كۆڭۈل ئايال كىشى ئۆزىنىڭ بالىسى بولغاندىن كىيىنمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ بالىسى ۋە ئۆگەي بالىسىغا ئوخشاش قارايدۇ. بىراق، ئەر كىشىنىڭ بۇنداق ئويلىشى ناتايىن؛ ئۇلار ھەمىشە سىزنى ئۆزىڭىزنىڭ بالىسىغا يان بېسىپ، ئىلگىرىكى ئايالىدىن بولغان بالىسىنى چەتكە قاققاندەك ھىس قىلىدۇ. بۇنداق ئەرلەر سىزنى تۆۋەن چاغلاپ قالغان بولىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزنىمۇ كۆرۈپ يىتەلمەيدۇ ھەمدە سىزنى زەھەرخەندە ئۆگەي ئانا چاغلاپ قالىدۇ.