ئىزۇبىيەدىكى ئىپتىدائى قەبىلە ئىچىدە، بىر توپ خاممار ئادەملىرى ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق كەلگەن بىر خىل ئەنئەنىسى بار ئىكەن. بۇ يەردىكى قىز بالىلار 12ياشقا توشقاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بەدىنىگە نەقىش ئويۇشنى باشلايدىغان بولۇپ، پىچاق بىلەن ئۆز بەدىنىگە بىر پىچاق بىر پىچاقتىن سىزىپ جاراھەت ئىزى قالدۇرىدىكەن؛ جاراھەت ساقايغاندىن كىيىن تاتۇق بولۇپ شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ تاتۇقلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى گۈزەللىكنىڭ سىموۋولى ئىكەن.
خاممار ئادەملىرى، بىر ئايال كىشىنىڭ بەدىنىدىكى تاتۇقنىڭ ئاز كۆپلىكى ۋە چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ گۈزەللىك دەرىجىسىنى باھالاپ بىكىتىدىكەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن تويلىشىش ياكى تويلاشماسلىقنى بەلگىلەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، خاممار ئادەملىرىنىڭ ئىدىيىسىدە، ئەگەر بىر قىزبالا ياخشى بىر ئەركىشىگە ياتلىق بولىمەن دىسە، كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز بەدىنىدە توختىماي جاراھەت ئىزى قالدۇرۇشى لازىم ئىكەن. بىرلا ۋاقىتتا، بۇ يەنە ئۇلارنىڭ جاسارەتلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە ھەمدە ساغلام ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم ئىكەن.

بۇندىن باشقا، ئۇلارنىڭ توي تەكلىۋى قويۇش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ، نەچچە ئونلىغان خاممار ئوغۇل قىزلىرى بىر يەرگە توپلىشىپ، قىزلار بىر قولىدا مىس كاناي چالغاچ، بىر قولىدا تىكەنلىك تاياق كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۆزى چۈشكەن ئوغۇل بالىغا قارىتا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا، ئەگەر قارشى تەرەپنىڭمۇ بۇ قىزغا كۆڭلى چۈشكەن بولسا، قىزنىڭ قولىدىكى تىكەنلىك تاياقنى ئېلىپ، تىكەنلىك تاياق بىلەن قىزنى بولىشىغا قامچىلايدىكەن؛ ئەكسىچە، ئەگەر ئوغۇل تەرەپنىڭ بۇ قىزغا كۆڭلى بولمىسا، قىز بالا ھەرقانچە يالۋۇرغان بىلەنمۇ ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدىكەن. شۇڭلاشقا، ئەگەر ئوغۇل تەرەپنىڭمۇ مۇھەببەت تەلەپ قىلغان قىزغا كۆڭلى بار بولۇپ، قىزنىڭ قولىدىكى تىكەنلىك تاياقنى ئېلىپ قىز بالىنى قامچىلىسا، قىز بالا خۇشال بولغىنىدىن، بەدىنىدىن قانلار ئاققىنىغا قارىماي، ئۇ ئوغۇلنى چۆرىدەپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كىتىدىكەن.

خاممار قىزلىرى يەنە بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە ئوغۇل بالىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلسا بولىدىكەن. بۇ خۇددى ھازىرقى لايىق تۇنۇشتۇرغانغا ئوخشىشپ كىتىدىغان بولۇپ، تورنى كەڭرى يېيىپ، بىرسى بولمىسا يەنە بىرسىگە ئالماشتۇرىدىكەن؛ تىكەنلىك تاياق بىلەن قانچىكى قاتتىق قامچىلىسا، بۇ ئۇغۇلنىڭ قىزنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خاممارلىق قىزلار تۇنجى قېتىم ھەيىز كۆرگەندىن باشلاپ، تاكى ياتلىق بولغانغا قەدەر، ھەر يىلى بۇنداق لايىق تاللاش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ دۈمبىسى، كونا يىڭى قېلىپ قالغان جاراھەت ئىزلىرىغا تولۇپ كەتكەن كىلىدىكەن.