قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5806:قېتىم كورۇلدى
    ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ تەلۋىلەشكىنى بولسا، ئۇ ھەركۈنى مۇقىم ۋاقىتتا، يىلان زەھىرىنى ئۆزىگە ئۇكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ.
    يىلاننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ يىلاننىڭ ئېغىزىنى ئالدىن تەييارلانغان ئىستاكانغا قارىتىپ كېرىپ ئېچىپ، يىلاننىڭ ئېغىزىدىن تامغان زەھىرىنى يېغىدۇ. گەرچە سۈرەتتىكى بۇ يىلاننىڭ قايسى تۈردىكى يىلان ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمىسەكمۇ، ئەمما ئۇ قارىماققىلا ناھايىتى قورقۇنچلۇقتەك بىلىنىدۇ.
    يىلاننىڭ زەھىرىنى يېغىپ بولغاندىن كىيىن، سىتىف ئىستاكاندىكى زەھەرنى ئالدىن تەييارلانغان ئىشپىرىسقا تارتىپ ئالىدۇ.
   كەينىدىنلا، ئۇ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئىشپىرىسنى بىلىكىگە سانجىپ، يىلان زەھىرىنى ئاستاغىنا قان تۇمۇرلىرىغا ئۇكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. بىراق ئەجەبلىنەرلىك يىرى شۇكى، ئۇ زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسىمۇ ھېچنىمە بولمايدىكىنا؟
    بۇ ئەر ئىلگىرى بىر ناخشىچى بولۇپ، كىيىنچە ئۇ يىلان زەھىرى قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ  ۋە باشقا كىسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ دەپ قارىغان بولغاچقا، ئۇ ئەسلىدىكى كەسپىنى تاشلپ، پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن، خېيىم-خەتەرگە تولغان بۇ مۇساپىگە ئاتلانغان. دەسلەپ باشلانغاندا، ئۇنىڭدا زەھەرلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن؛ ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىممونت كۈچىنىڭ تەسىرىدىن، ھازىر يىلاننىڭ زەھىرى ئۇنىڭ بەدىنىگە تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالغان.
    ھازىر ئۇ بىر شىركەت قۇرۇپ، يىلان زەھىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ سىناقلارنى ئېلىپ بارماقچى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرىدىغان ۋاكسىنىلارنى تەتقىق قىلىپ چىقماقچى بولغان. بىراق ئۇنىڭ بۇ ئويلىرىغا قارىتا، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ سۇغۇق پوزۇتسىيەدە بولغان بولۇپ، ئۇنچە بەك چوڭ قىزىقىش ئىپادىلىمىگەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

ئوغۇل بالىلىق بولىمەن دەپ چىقارغان بۇ قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈڭ

بىراق، بەزى كىشىلەر، ھەرقانچە قىلىپ باقسىمۇ، ئۈمىد قىلغىنىدەك ئوغۇل پەرزەنتلىك بولالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك بەزىبىر قاملاشمىغان ئامال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号