بىر ئەر كىشىنىڭ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىشتە، ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك ئىشلارنى قىلىشنى خالايدىغانلىقىغا قاراش كىرەك. ئەرلەر گەرچە تولىسى ۋىجدانسىز كەلسىمۇ، ئەمما بەزى ئەرلەر يەنىلا ئايال كىشى ئۈچۈن ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىغان ئشىلارنى قىلالايدۇ. جۈملىدىن، سىزنى ھەقىقى تۈردە كەلگۈسىدىكى ئايالى قاتارىدا كۆرگەن ئەر كىشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرلۈك ئىپادىسى بولىدۇ.

كۆپ قىسىم بىكار ۋاقتىنى سىز ئۈچۈن ھەمرا بولۇشقا ئىشلىتىدۇ
ئەرلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇھەببەتلىشىشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ بىكار ۋاقتى ئاساسى جەھەتتىن كومپىيوتىردا ياكى يانفوندا ئويۇن ئويناش بىلەن ئۆتىدىغان بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئويۇن ئويناش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بىراق، مۇھەببەت دىگەن بۇ نەرسىنىڭ شۇنداق سىھرى كۈچى بار بولۇپ، ئەگەر ئوغۇل دوستىڭىز سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، قالغان ئۆمرىنى سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى ئويلىسا، ئۇنداقتا سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، ئۇ سىزگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە تېخىمۇ كۆپ كۆيۈنۈشنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ۋاقىتتا، ئويۇن ئويناشقا قارىغاندا، سىزگە ھەمرا بولۇشنى تېخىمۇ بەكرەك مۇھىم بىلىدۇ.

كۆپىنچە ھاللاردا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بالىلارغا ئوخشاش سەبى بولۇپ قالىدۇ
ئەمىلىيەتتە، كۆپ قىسىم ئەرلەر مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان كىچىك بالىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ۋاقىتلار قانچىلىك ئۆتۈپ كەتمىگەن بولمىسۇن، ئۇلار ئۆزىنىڭ بەزىبىر گۆدەكلىكلىرىنى تاشلاپ بولالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئادەتتە ئىپادىلەپ چىقىرىدىغان چوڭ سۈپەتلىكى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى بىر خىل نىقابلىنىۋىلىشىدۇر. ئەگەر ئوغۇل دوستىڭىز سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بارلىق نىقابلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، سىزگە كىچىك بالىلارغا ئوخشاش يېپىشىۋالسا؛ مەيلى سىز خۇشال بولۇڭ ياكى خاپا بولۇڭ، بىرىنچى ۋاقىتتا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا پەيدا بولۇپ، بەزىبىر ساددا قىلمىشلىرى ئارقىلىق سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئېچىشقا ئۇرۇنسا، ئۇنداقتا بۇ، ئۇنىڭ سىزنى قەلپ قېتىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

سىزنى قوللاپ ھەم رىغبەتلەندۈرۈپ، سىزنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭىزگە ئايلىنىدۇ
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشى، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، سىزنى پارنىكتا ئۆسكەن گۈلگە ئوخشاش، ئازراقمۇ بوران چاپقۇنغا ئۇچرىماي قېلىشىڭىزنى خالىمايدۇ؛ ئەمما ئۇلار سىزنىڭ پىكىر قاراشلىرىڭىزنى قوللايدۇ ھەم ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى دەستەك قىلىپ سىزنى چەكلەپ، ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ دەپ تۇرۋالمايدۇ؛ ئەمما ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى ھەرگىز كەم بولمايدۇ. ئۇ سىزنى ھەر ۋاقىت قوللايدۇ ھەم رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ؛ سىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىز ۋە ئىنتىلىشلىرىڭىزنى قوللايدۇ، سىزنىڭ كەينىڭىزدە مۇستەھكەم بولغان بىر ئارقا تىرەك بولۇپ تۇرۇپ، سىزگە ياردەملىشىدۇ ھەمدە ھەر ۋاقىت سىزنى قوغدايدۇ.

سىز ئۈچۈن، تاماق ئىتىش ۋە كىر يۇيۇشنى ئۆگىنىدۇ
ئەمىلىيەتتە، ھازىرقى ياشلارغا نىسبەتەن، ئۇلار ئاساسەن قولىنى سۇغا تىقمايدۇ ھەم تىقىشنىمۇ بىلمەيدۇ؛ تاماق ئىتىپ كىر يۇيالايدىغان، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلىدىغان ئەر كىشىمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. بىراق، ئەگەر ئوغۇل دوستىڭىز سىز ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى قىلىشنى ياكى ئۆگىنىشنى خالىسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال، ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، سىزنى كەلگۈسىدىكى ئايالى قاتارىدا كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھاياتلىق قارىماققا ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىدەك بىلىنىدۇ؛ بىراق بۇ جەرياندا، ھەقىقى بىر مۇھەببەتكە ئىرىشىش ئاسان ئەمەس. شۇڭا، ئەگەر سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز سىز ئۈچۈن يۇقارقى تۆت تۈرلۈك ئىشنى قىلىشنى خالىسا، ئۇنداقتا بۇ، ئۇنىڭ سىز بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىرگە ئۆتۈشنى ئويلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؛ ئەگەر سىز بۇنداق بىر ئەرگە ئۇچرىغان بولسىڭىز، كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ياتلىق بولسىڭىز بولىدۇ.