ئەرلەر ۋە ئاياللار ئىچىدە زادى قايسىسى بەكرەك ئۆزگىرىشچان
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5815:قېتىم كورۇلدى

    ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى زادى قانچىلىك زىددىيەتلىك كىلىدۇ؟ ئادەتتە بىر خىلدا كىلىدۇ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا يەنە بىر خىل بولۇپ ئۆزگىرىپ قالىدۇ؛ خۇددى ئۇلارنىڭ جىسمىدا ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۆزمەن باردەك تۇيغۇغا ئىگە كىلىدۇ.
    مەسىلەن، دوستىنىڭ ئالدىدا ھەمىشە "مەن يەنە يىيەلەيمەن" دەپ تاماقتىن باش تارتمايدۇ؛ بىراق ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا بولسا، مەڭگۈ ئىشتىھاسى ئاز ھالەتنى ساقلايدۇ.
    مەسىلەن، ئالدىنقى مىنۇتتا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىم ياخشى دەپ ئون نەچچە يىل ئالدىدىكى ئىشنى سۆزلەپ يۈرگەن ئادەم، كىيىنكى مىنۇتتا "مەن ھازىر نىمە دىدىم، ھېچنىمە دىمىدىمغۇ" دەپ قوپىدۇ.
    يەنە مەسىلەن، تۆۋەندىكىلەر....
 ئەرلەر:
    ئاخشىمى سائەت 12گىچە ناخشا ئېيتىپ تاماشا قىلسا چارچاپ ئۇيقۇسى تۇتمايدۇ؛
    كىچە سائەت ئىككىگىچە يانفون ئوينىسا، چارچاپ ئۇيقۇسى تۇتۇپ قالمايدۇ؛
     ئەمما كىتاپ كۆرگەندە بولسا، كەچ سائەت 8 بولا بولمايلا، چارچاپ ئۇيقۇسى كىلىپ كىتىدۇ.
ئاياللار:
   "بىر توپ توخۇ بىلەن توشقاننىڭ جەمئى 88كاللىسى ۋە 244 پاچىقى بار، ئۇنداقتا توخۇ نەچچە؟ توشقانچۇ؟" دىگەن ھىسابنى ئىشلىيەلمەي بېشى قېتىپ ئولتۇرۇپ كىتىدۇ؛ ئەمما 599يۈەنلىك ئاياغنىڭ ۋە 498يۈەنلىك سومكىنىڭ %20 باھاسى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسە، قانچىلىك باھاسى چۈشكەنلىكىنى كۆڭلىدىلا موچەن سىنىتلىرىگىچە ئىنىق ھىسابلاپ چىقىرالايدۇ.

ئاياللار:
    ئادەتتە بىرەر نەرسە كۆتۈرگەندە ياكى بىرەر بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئاچىدىغان ۋاقىتتا كۈچى ناھايىتى ئاجىزلاپ كىتىدىغان بولۇپ، ئوغۇللارنى ياردەمگە سالىدۇ؛

     ئەمما پوچتا يوللانمىسى قوبۇل قىلغاندا بولسا، بىراقلا كۈچتۈڭگۈر بولۇپ كىتىپ، ئوغۇللارنىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.

 ئەرلەر:
    ئادەتتە قىز دوستى ئون ئېغىز گەپ قىلسا بىر ئېغىز گەپ قايتۇرۇپ جىمغۇر بولىۋالىدۇ.
    قىز دوستى دەيدۇ: سىز نىمە تاماق يەيسىز؟
    ئوغۇل دوستى جاۋاپ قىلىدۇ: خالىغانچە بۇيرىتىۋىرىڭ، سىز ياقتۇرىدىغان نەرسە بولسىلا بولىۋىرىدۇ.
    قىز دوستى ئويلايدۇ: مەن بىلەن بىللە تاماق يىگەندە ئازراقمۇ ئەستايىدىل بولۇپ قويمايدۇ
    قىز دوستى دەيدۇ: چېچىم ئۇزۇن بولسا چىرايلىق كۆرۈنەمدىم ياكى قىسقا چاچ قويسام چىرايلىق كۆرۈنەمدىم؟
    ئوغۇل دوستى جاۋاپ بىرىدۇ: قانداق بولسا ئوخشاشلا چىرايلىق كۆرۈنىسىز!
    قىز دوستى ئويلايدۇ: بىر ئازراق قاراشلىرىنى سۆزلەپ گەپ قىلىپ قويسا بولمامدۇ...
    بىراق، ئوغۇللار ئۆزى قىزىقىدىغان بىرەر تېما چىقىپ قالسا، گېپىنى توختىتالماي ۋالاقتەككۈرۈپنىڭ ئۆزىلا بولىدۇ
    قىز دوستى سورايدۇ: بۇ كىمۇ؟ بۇ توپنى ھەجەپ چىرايلىق تاشلىدى!
    ئوغۇل دوستى جاۋاپ قىلىشنى باشلايدۇ: ئۇ دىگەن كۇرى، ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ تاشلاشقا بەك ئۇستا ....... ...... ..... ... ...... ..... ....... ........ .... ........... ......... ......... ...... ......... ...........
    قىز دوستى ئويلايدۇ: مەن پەقەت ئۇنىڭ كىملىكىنىلا سورىسام، ئۆزىنى توختىتالمايلا قالدىغۇ ئەمدى...
ئاياللار:
    پەلەمپەيدىن چىققان ۋاقىتتا، ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ بولغۇچە ھاسىراپ ھۆمىدەپ كىتىدۇ؛ بىراق كوچا ئايلىنىشقا چىققاندا بولسا، پەقەت دوكاننىڭ ئىشىكى ئىتىلىپ قالمىسىلا بىر كىچە-كۈندۈز توختىمايمۇ ئايلىنالايدۇ.

 ئەرلەر:
    ئادەتتە ئۇلار بىر نەرسىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ؛ بىراق بۇ نەرسە ئەگەر خوجايىنىنىڭ بولۇپ قالسا، ئۇلار دەرھال بۇ نەرسىنى ئەڭ ياخشى نەرسە دەپ ماختايدۇ.

ئاياللار:
    ئادەتتىكى خىزمەتدېشى تاماققا تەكلىپ قىلسا، بىكار بولسىمۇ ۋاقتىم يوق دەيدۇ؛ ئەمما ئۆزى زوقلىنىدىغان ئەر كىشىدىن بىرسى تاماققا تەكلىپ قىلسا، بوش ۋاقتى بولمىسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ماقۇل بولىدۇ.
 ئەرلەر:
    ئادەتتە ئۆيىنى ئېغىلدەك تۇتىدۇ؛ ئەمما ياخشى كۆرىدىغان قىز بالا تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، دەرھال پاكىزىلاپ تەييارلايدۇ؛ قىز دوستى تەكشۈرۈپ كىتىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە ئەسلىدىكى ئېغىل ھالىتىگە قايتىدۇ.

ئاياللار:
    ئادەتتە سىرتلارغا تاماق يىگىلى چىققان ۋاقىتتا، تاماقنىڭ قىممەتلىكىدىن، تاكسى پۇلىنىڭ قىممەتلىكىدىن ۋايساپ قاقشاپ كىتىدۇ؛ ئەمما گىرىم بۇيۇملىرى باھادا ئازراقلا ئىتىبار قىلسىمۇ، ئادەتتە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ئەرزان باھاغا ئۇچرىغاندەك يېپىشىپ كىتىدۇ.

    ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىپادىلىرى خۇددى جىسمى ئىچىدىكى ئىككى ئۆزمەن سوقۇشقانغا ئوخشاش بولۇپ، قايسىسى يىڭىپ چىقسا، شۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号