گۈزەل بەدەن شەكلىگە تايىنىپ ماگناتلاردەك يۈز تاپقان كىيىم مودىلى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى

    1995-يىلى، كىيىم مودىللىرى تەربىيەلەش كۇرىسىغا قاتنىشىۋاتقان جىسەير.باڭچىننىڭ تېخىچە گۆدەكلىكىنى يوقاتمىغان ھالىتىدىن، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە خەلقئارالىق دەرىجىدىن تاشقىرى كىيىم مودىلىغا ئايلىنىپ، "تەنناز خانىش" دەپ نام ئېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يەتمەك تەس ئىدى.
   1996-يىلى، ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن جىسەير، بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن "دۇنيا گۈزىلى" تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تۆتىنچىلىكنى ئالدى. ئەينى يىلىدىكى مۇسابىقىدە چىمپىيونلىققا ئىرىشىپ "دۇنيا گۈزىلى" نامىنى ئالغان گىرىتسىيەلىك ئېلىننا.سىكىرىۋا، نەچچە يىلدىن كىيىنلا توي قىلىپ ھەم پەرزەنتلىك بولۇپ، تاماشا سەھنىسىدىن ئاستاغىنا چىكىنىپ چىققان بولۇپ، كىيىنچە دۇنيا مودا ئېقىم ساھەسىدە يالتىراق نۇر چاقناتقان جىسەيرگە ھەرگىز يىتىشەلمەيتتى.
    1997-يىلى، جىسەير.باڭچىن ھەر قايسى داڭلىق ماركىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، كىيىم مودىللىرى سەھنىسىدە كەينى-كەينىدىن ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
    1998-يىلى 18ياشقا كىرگەن جىسەير، GUCCIنىڭ ئېلانىغا چىقىپ، "بىرازىلىيەدىكى ئەڭ تەنناز ئايال" نامىغا ماس لاتاپىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلدى.
    2000-يىلى، 20ياشلىق جىسەير رافلورىن ماركىسىنىڭ ئېلانىغا چىقتى. ئېلان بەرگۈچى سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ تەڭدىشى كەم تېپىلىدىغان بەدەن شەكلىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ چىقىرىشنى ياقتۇراتتى.
    2000-يىلى، فاشىئون كۈز ۋە قىش پەسىللىك كىيملەر كۆرگەزمىسىدە، جىسەير.باڭچىن يالپۇز يىشىل رەڭلىك چوڭقۇر Vشەكىللىك ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ سەھنىگە چىقىپ، پۈتۈن مەيداندا چاڭ چىقىرۋەتتى.
    2000-يىلى، مودا ئېقىم ژورنىلى Vogueغا بېسىلغان سۈرەتلەردە، 20ياشلىق جىسەيرنىڭ ياشلىق لاتاپىتى تۇلۇق ئىپادىلىنىپ چىققان.
    2002-يىلى، جىسەير D&G ئېلانىنى قوبۇل قىلدى. ھاكاۋۇر كەلگەن D&Gنىڭ لايىھەلىگۈچىلىرى ئىزچىل تۈردە جىسەير.باڭچىنغا ئۆزگىچە ئامراقلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، نەچچە يىل ئۇدا ئۇنى سەھنىدە مېڭىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بەدەن شەكلىنى ئەڭ مۇكەممەل كەلگەن بەدەن شەكلى دەپ تەرىپلىگەن.
    2005-يىللىق ۋىيمى كىيىم كۆرگەزمسىدە، جىسەير ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كىيىم مودىلى دىگەن نامغا ئىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2000-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ ۋىيمى كىيىم كۆرگەزمىسىدىكى مۇتلەق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئايال پىرسوناژ ئىدى.
     ئۆتكەن 20يىلدا، جىسەير.باڭچىن، پۈتكۈل دۇنيا ئىتراپ قىلىدىغان، ئەڭ ھوقۇقدار ھەمدە مودا ئېقىم ساھەسىدە تەسىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى كىيىم مودىلىغا ئايلانغان بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق "داڭلىق ماركا ئېلان خانىشى" ئىدى.
     بۇ بەلكىم مۇھىت ئاسراشنى ئاساسى تېما قىلغان ئەڭ جەلپكار ئېلان بولسا كىرەك.
    2007-يىلى، ئۇ بىرازىلىيە Lpanema ماركىسىدىكى ساپما كەشكە ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ ئېلان ئىشلىگەن؛ بۇقېتىمدا، جىسەير خانىشنىڭ مودا ئېقىم ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كەلگەن تەسىر كۈچى سەۋەپلىك، ئېلان قويۇلغاندىن كىيىن، مەزكۇر  شىركەت بىراقلا 200مىليۇندىن ئارتۇق سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
    بىرازىلىيەنىڭ دۆلەت گۆھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىسەير.باڭچىن 2016-يىلى 8-ئايدا بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىدا مودىللىققا مېڭىپ ماھارەت كۆرسىتىپ، كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق كىيىم مودىلى سەھنىسىدە ئويۇن كۆرسىتىشنى تاماملىدى.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号