بۇ بالىلارنى كۆرگەندىن كىيىن سىز يەنە تۇرمۇشتىن قاقشامسىز
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6318:قېتىم كورۇلدى
    بالىلارنىڭ قەلبى ئەڭ ساپ كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ دۇنياسى ئەسلىدە خۇشاللىق، بەخىت ۋە گۈزەللىككە تولۇشى كىرەك ئىدى. بىراق دۇنيادا، ئاچلىق ۋە نامراتلىق، تەبىئى ئاپەت ۋە ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ زىيانلىق تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان نۇرغۇن جايلار بار بولۇپ، ئۇ جايلاردىكى بالىلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا، بەخىتلىك بولۇش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، قورسىقى تويغۇدەك تاماق ۋە ئۇچىسى ئىللىغۇدەك كىيىمگە ئىرىشەلمەيدۇ، ئەخلەت دۆۋىلىرى ئىچىدە ئويناپ، جاپالىق ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنىڭ چىقىمىنى قامدايدۇ.
     كىنىيەدىكى دۆلەت تەۋەلىكى يوق بولغان دوختۇرخانىدا، ئېغىر دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەن 2ياشلىق ئوغۇل ئادىنسالاد، يۇيۇنىدىغان داس ئىچىدە ئانىسىغا قاراپ ئولتۇرماقتا.
     پاكىستاندىكى ناشرادا، كەلكۈن ئاپىتىدە ساق قالغان بالىلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە چىۋىنلار ئولىۋىلىشقان ئىدى.
     سۇمالى مۇجادىس ئەتراپىدىكى كۇرسان مۇساپىرلار لاگىرىدا، بىر مۇساپىر بالا تاماق يىمەكتە.
   بىنگال دۆلىتى داكا شەھرىدە، بىر ئوغۇل بالا دەريا بويىدىكى ئەخلەتلىكتىن تېپىۋالغان گاندۇننى پۈۋلەپ ئوينىماقتا. بۇ جايدىكى بىر خرۇم زاۋۇتى، زاۋۇتتا شەكىللەنگەن بۇلغانغان سۇنى خالىغانچە دەرياغا قويۇپ بەرگەچكە، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا ياشايدىغان ئاھالىنىڭ ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن.
    سۈرىيە سارجىھ شەھرىدە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا يارىلانغان 4ياشلىق قىز بالا.
    گىرىتسىيە يىدومىنىدا، سۈرىيەدىن كەلگەن مۇساپىر ئوغۇل پويىز يولى ئۈستىدە يېتىپ ئۇخلىماقتا؛ ئۇلار ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ يىڭى تۇرمۇش ئىزدەش ئۈچۈن، چىگرانىڭ ئېچىلىۋىتىشىنى ساقلاۋاتقان ئىدى.
    بىنگال دۆلىتى داكا شەھرىدە، بىر قىز بالا ئۇكىسىنى كۆتىرىپ، قۇرغاقلىقىدىن چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن يەر ئۈستىدە تۇرۋاتىدۇ.
    پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە، قەرەلسىز ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ئىمزالىغاندىن كىيىن، پەلەستىنلىك بىر بالا، ئۆزىنىڭ خارابىلىققا ئايلانغان ئۆيىنىڭ دەرىز تۆۋىدە تۇرۇپ، گىتار چېلىپ ناخشا ئوقۇماقتا. بۇ بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، تىنچ-ئامان ھەم خاتىرجەم ھالدا ياشاۋاتقان بىز، نىمىدىگەن بەخىتلىك ھە! ھازىردىن باشلاپ، قاقشاپ ئاغرىنىشنى توختىتىپ، تۇرمۇشقا كۈلۈمسىرگەن ھالدا يۈزلىنىڭ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号