بىر ئايالنى 43يىل قوغلىشىپ 72 يېشىدا ئاندىن مۇرادىغا يەتكەن ئەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    قىرىق نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، بىر ئەركىشى ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ئۇچرىتىپ، ئۇ ئايال كىشى بىلەن مۇھەببەت دەرياسىغا چۆكۈپتۇ. گەرچە ئىككەيلەن بىر-بىرىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈشسىمۇ، ئەمما ئەر تەرەپ ھەر يىلى توي قىلىش تەكلىۋىنى ئوتتۇرغا قويغاندا، ئايال كىشى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ كەپتۇ.
     بىراق ئويلىمىغان يەردىن، بۇ يىل 72ياشقا كىرىپ قالغان ئايال، ئۆتكەن يىلى ئاخىرىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەر تەرەپكە توي قىلىش تەكلىۋىنى قويۇپتۇ.
    ۋەقەلىك ئەنگىلىيەدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەر پىرسوناژنىڭ ئىسمى كولىن.جونس، بۇ يىل 74ياش. 1976-يىلى، ئۇ بالىسى ئوقۇيدىغان يەسىلىدە بولىن. ياڭنى ئۇچراتقان. ھەر ئىككەيلەن بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقانلاردىن بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىرى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىنىڭ بالىسى بىر يەسلىدە ئوقۇيتتى.
    ئىككەيلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتى.
    ئىككەيلەن ئالدى بىلەن ۋىلىستا بىر شىركەت قۇردى، ئۇندىن كىيىن مالتادا يەنە بىر شىركەت قۇردى؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئىككەيلەن ئايرىلىپ كەتمەي بىللە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىدى.
    ئۇلار تۇنۇشقاندىن كىيىنكى 43يىلدىن بويان، كولىن ھەر يىلى بولىنغا توي تەكلىۋى قويغان، ئەمما ھەر قېتىم بولىننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
    ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بولىن ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان مىڭە پوستلاق قەۋىتى ھۇل يادروسى ئىقتىدارى چىكىنىپ كىتىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ھەرىكەتلىرى ئاستىلاش، سەۋەپسىز تىتىرەپ كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشىلغان.
    ئۈچ يىل ئىلگىرى، بولىننىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار ئامالسىز مالتادىن ئەنگىلىيەگە قايتىپ كەلدى؛ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بولىنمۇ كۈتۈنۈش مەركىزىگە ئورۇنلاشتى. كولىن يەنىلا مالتادا تۇرۇپ، ئىككەيلەن ئورتاق قۇرۇپ چىققان شىركەتنى باشقۇرىۋاتقان بولۇپ، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر كىلىپ، بولىننى يوقلاپ كىتەتتى.
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، كولىن كۈتۈنۈش مەركىزىگە كىلىپ بولىننى يوقلىدى. بۇ ۋاقىتتا بولىن، تۇيۇقسىزلا كولىندىن "مەن بىلەن توي قىلغۇڭىز بارمۇ يوق" دەپ سورىدى.
    كولىن، تۇيۇقسىزلا كىلىپ قالغان بۇ بەخىتتىن قەۋەت خوش بولۇپ كەتتى ھەمدە دەرھاللا ئۆزىنىڭ خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    ئالدىنقى ئايدا، كولىن بولىننى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ، ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ چىركاۋغا كىردى ھەمدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
    مۇراسىم مەيدانىدا، كولىننىڭ چىرايىدىن ئىزچىل كۈلكە ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، بولىنغا قارىغان كۆزلىرى پۈتۈنلەي مۇھەببەتكە تولغان ئىدى. بولىنمۇ پات-پاتلا كولىننىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمداپ قوياتتى.

    كولىننىڭ دىيىشىچە، ئۇ بولىن بىلەن توي قىلىش ئۈمىدىدىن ئاللبۇرۇن ۋاز كەچكەن بولۇپ، ھازىرقىدەك ئەھۋالنى مەڭگۈ يۈز بەرمەيدۇ دەپ قارىغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەتراپى مۇھەببەتكە تولغان بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئادەم، ئۇ ئىككىسى ئۈچۈن خۇشال بولۇشقان ئىدى.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号