كۆڭۈل سۇۋۇپ كەتسە، ھەرقانچە پەرياد قىلسىڭىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8213:قېتىم كورۇلدى
    سىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغىنى، تۇغقانلىرىڭىزنىڭ توغرا چۈشىنىشى ۋە ھەر تەرەپلەردىن بولغان كۆيۈنۈشى ئەمەس، بەلكى ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ قولىنىڭ ئۇچىدا قىلغان ياردىمى بولىدۇ.
    كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ سۇۋىتىدىغىنى، ئەسكى ئادەملەرنىڭ كەچۈرگىسىز يامانلىقلىرى ئەمەس، بەلكى يېنىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلمەسلىكى.
    ئادەم نىمىدىن بەك قورقىدۇ؟
    ئىشەنچ باغلىغان ئادەم تەرپىدىن پايدىلىنىپ كىتىشتىن، يېقىن ئادىمىنىڭ ئالدىشىدىن، ئىتىبار بىلەن قارايدىغان ئادىمىنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىسىدىن، قەدىرلىگەن ئادىمىنىڭ بىزارلىق ھىس قىلىشىدىن قورقىدۇ؛ كۆپىنچە ھاللاردا، ئۇزۇنغىچە ساقايمايدىغان كۆڭۈل جاراھەتلىرى ۋە ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدىغان ئۇۋالچىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئەتراپىمىزدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزدىن كىلىدۇ.
    ئادەم مۇشۇنداق كىلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقىسز كىلىپ قالغان ئىللىقلىقتىن سۈيۈنۈپ كىتىدۇ، ئەمما ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئادەتتە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشتەك ھىس قىلىدۇ. بىر تەرەپلىمە ھالدا تەلەپ قىلىشنى بىلىدۇ، ئەمما ئەزەلدىن مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولمايدۇ؛ ئەگەر قارشى تەرەپ بۇ سەۋەپلىك چارچىغانلىقنى ئىپادىلىسە، كۆڭلىدە نارازى بولىدۇ؛ ئەگەر قارشى تەرەپ چىداشلىق بىرىپ بولالماي كىتىپ قالسا، ئاندىن پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىدۇ.
    بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشكە، بەلكىم ھېچقانداق سەۋەپ كەتمەسلىكى مۇمكىن؛ ئەمما بىر ئادەمدىن ئايرىلىشقا، ھەمىشە ھەر تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەر چىقىدۇ. ئۈمىدسىزلىنىش يېغىلىپ توپلىنىۋەرسە، ئاخىرى بېرىپ سۇغۇق مۇئامىلىگە ئۆزگىرىدۇ؛ كۆڭۈل سۇۋۇپ كەتسە، كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت، يېراقلىشىپ كىتىش بولىدۇ.
    سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە كەڭ قورساق بولۇڭ. ئەگەر چىرايلىق گەپ قىلىشقا بولسا، ھەمىشە ئەيىبلەۋەرمەڭ؛ ئەگەر ئەستايىدىللىق بىلەن پاراڭلىشىشقا بولسا، پىكىرلىشىشنى ھەمىشە ئويۇن ئورنىدا كۆرىۋالماڭ. كۆڭۈل جاراھىتى پەيدا بولۇپ قالسا، بىرەر ئېغىز "كەچۈرۈڭ" دىگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ.
    سىزگە يول قويۇشنى خالىشى، ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى ئەمەس، بەلكى سىزنى قەدىرلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. سىزنىڭ رايىڭىزغا بېقىشنى خالىشى، ئۇنىڭ سىزدىن قورققانلىقى ئەمەس، بەلكى سىزگە ئىتىبار بىلەن قارىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى، مۇھەببەت يىتەرلىك چوڭقۇر بولغاندىلا، ئاندىن بەدەل تۆلەشكە رازى بولىدۇ؛ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتىلا، ئاندىن سىز ئۈچۈن تەقدىم ئىتىشنى خالايدۇ.
    كىشىلىك ھاياتتا، سەمىمى مۇھەببەتتىن بىرنىڭغا ئىرىشىشنىڭ ئۆزى ئەڭ زور بەخىتتۇر؛ شۇنچە چوڭ دۇنيادا، ئەگەر سىزنى ياخشى كۆرىدىغان بىرسى بولسا، سىز بۇنىڭغا قانائەتلىنىشىڭىز كىرەك. ئىككى ئادەمنىڭ ئۇچرىشىپ بىرگە بولمىقى ئاسان ئەمەس، شۇڭا قەدىرلەشنى ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى بىلىڭ!

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号