بۇ خىل قىلمىشلاردا بولسىڭىز ئىرىڭىزنى سىرتقا ئىتتىرگەنگە باراۋەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5691:ئادەم ئۆگەندى
     ئىككى ئادەمنىڭ تويلىشىپ بىرگە تورمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ئارىلىقتا زىددىيەت تۇغۇلماسلىق، مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش؛ چۈنكى، تۇرمۇش ئىزچىل تۈردە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، كۈندە دىگۈدەك نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك ئىشلارغا دۇچ كىلىدىغان گەپ. ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشتا دۇچار بولىدىغىنى، ئىككى تەرەپنىڭ تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەر جەھەتلەردىكى چىقىم قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر بولىدۇ؛ شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا، زىددىيەتلىشىپ قېلىش نورمال بىر ئىش ھىسابلىنىدۇ. مەسىلە كۆرۈلۈشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى، مەسىلىنى قانداق بىتەرەپ قىلىشنى بىلەلمەسلىك بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا مەسىلىنى يوغىنىتپ، يول قويۇش ۋە مۇرەسسەلىشىش دىگەنلەرنى بىلمەيدۇ، زىددىيەتنى تېىىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ئائىلىدە ئىناقسىزلىق ئامىلى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ئەر-خوتۇنلار جىدەللىشىپ قالغاندا، ئايال تەرەپ ئەگەر ھەمىشە بۇ نەچچە خىل قىلمىشلاردا بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ئىرىنى سىرتقا ئىتتىرگەنلىكىگە باراۋەر بولىدۇ.
كونا خاماننى سورۇپ، زىددىيەت كۆرۈلسىلا بۇرۇنقى ھىساپ كىتاپنى كۆتۈرۈپ قوپۇش
    تويلىشىپ ئەر-خوتۇن بولغان ئىكەن، قارشى تەرەپكە كۆپرەك يول قويۇپ، كەڭ قورساق بولۇش ھەمدە كۆپرەك پىكىرلىشىپ، ئىككى تەرەپ چىرايلىقچە چۈشەنچە بىرىش كىرەك. لىكىن بەزى ئاياللار، ھەممە ئىشلاردا ئىنچىكە ھىساب قىلىشقا ئامراق بولۇپ، ھەر قېتىم كىچىك بىر ئىشلار ئۈچۈن ئىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاندا، ھەمىشە كونا خاماننى سورۇپ، ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھەمدە ئاللبۇرۇن ئۆتۈپ كىتىپ بولغان بەزى ئىشلارنى قايتا تىلغا ئېلىپ قوپىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەرلەر ئاچچىقى بوش كەلمەيدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلمىش، ئايال كىشىنىڭ ئىرىنى سىرتقا ئىتتىرگىنىگە ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى، ھېچقانداق بىر ئەركىشى، ھەمىشە كونا خامان سورۇپ، ئىنچىكە ھىساب قىلىشقا ئامراق ئايال كشىىنى ياقتۇرمايدۇ.
ئازراق زىددىيەت تۇغۇلغان ھامانلا ئاجرىشىمەن دەپ قوپۇش
    ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى قەدىرلەش لازىم بولىدۇ؛ توي قىلغان ئىكەنمىز، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈشنى نىشان قىلىشىمىز، زىددىيەت كۆرۈلگەن ھامانلا ئاجرىشىشنى تېلىغا ئېلىپ قوپماسلىقىمىز كىرەك. بىلىشىڭىز كىرەككى، بۇ بەلكىم سىز ئاچچىقىڭىزدا دىگەن گەپ بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئىرىڭىز گەرچە باشلىنىشتا سىزنى توغرا چۈشەنسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىرىڭىز بۇنى راست بىلىپ قالىدۇ، ھەمدە سىزنى مەن بىلەن ئۆتكىسى يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ راستىنلا سىزنىڭ تەلىۋىڭىزگە قوشۇلۇپ سېلىشى مۇمكىن.
مۇرەسسەلىشىشنى بىلمەي، ئىزچىل تۈردە سۇغۇق مۇئامىلىدە بولۇش
    ئەر-خوتۇنلار خاپا بولۇشۇپ قالسا، ئايال كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز كۆپرەك توغرا چۈشىنىشىڭىز، ھەمىشە ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتىۋىلىپ، ئىرىڭىزنىڭ ئاۋال كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقىڭىز لازىم. ئەگەر ئۇ ئاۋال تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سورىمىسا، سىزمۇ ئۇنىڭغا بوي ئەگمەي ئىزچىل تۈردە سۇغۇق مۇئامىلىدە بولسىڭىز، بۇنداق قىلمىشىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق بولۇپ، ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرلىقىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋاتىدۇ. چۈنكى، ئادەمنىڭ كۆڭلى سۇغۇق مۇئامىلىگە چىدىمايدىغان بولۇپ، ئىرىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ، سىزنىڭ بۇنداق پەرۋاسىز قارايدىغان ۋە ھېچقانداق پىسەنت قىلمايدىغان سۇغۇق پوزۇتسىيىڭىزگە چىدىيالمايدۇ؛ شۇڭا سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىز، ئىرىڭىزنى سىرتقا ئىتتىرگەنلىك بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.
ئاخىرقى سۆز
    ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن مۇھەببەت ئۈچۈن تويلىشىپ بىرگە بولىدۇ، شۇڭا بىر-بىرىنى كۆپرەك توغرا چۈشىنىشى كىرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككەيلەننىڭ ئائىلسىمۇ، ئىككى تەرەپ ئورتاق ئەجىر سىڭدۈرگەندە ئاندىن ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. ئەگەر ھەمىشە بەزىبىر كىچىك ئىشلار ئۈچۈن زىددىيەتلىشىپ،  يىڭىش-يىڭىلىشنى ئايرىيمەن دەپ يۈرسەك، ئاخىرىدا چوقۇم قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىمىز. شۇنى چۈشىنىپ يىتىشىڭىز كىرەككى، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت، مۇرەسسەلىشىشكە مۇھتاج بولۇپ، پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىر-بىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قەدىرلەشنى بىلىش كىرەك.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号