ئەركىشىنىڭ سىزدىن زىرىككەنلىكىنىڭ ئۈچ خىل ئىپادىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
    ئاياللارنىڭ مۇھەببىتى، مۇھەببەتلەشكەن ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ چوڭقۇرلاپ ماڭىدۇ؛ بىراق ئەرلەرنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارغانسىرى كېمىيىپ ماڭىدۇ. ئەر كىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋاقتى، بۇ ئايال كىشىنى قوغلاشقان ۋاقتى بولۇپ، مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن بولسا، يىڭىلىق تۇيغۇسىنىڭ بارغانسىرى كېمىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، مۇھەببىتىمۇ تەدرىجى سۇسلىشىپ ماڭىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە بىر بۆلەك مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىشىنى، زور جەھەتتىن ئەر كىشىنىڭ يىڭىلىق تۇيغۇسى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئەر كىشىنىڭ مۇھەببىتى چىن يۈرەكتىن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ يىڭىلىق تۇيغۇسى ئاسانلىقچە يوقاپ كەتمەيدىغان بولۇپ، بۇ بۆلەك مۇھەببەتمۇ ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشالايدۇ. بىراق، ئەگەر ئەر كىشىنىڭ مۇھەببىتى يۈرەكتىن ئەمەس بەلكى بۆرەكتىن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ سىزدىن قايتا يىڭىلىق تۇيغۇسى ھىس قىلالمىغان ۋاقىتتا، سىزدىن ناھايىتى تىزلا زىرىكىدۇ.
   ئادەتتە ئەرلەر بىر ئايال كىشىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالسىمۇ، ئالدىراپ ئايرىلىپ كىتىشنى ئوتتۇرغا قويمايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىبىر قىلمىشلىرىدا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى سىزدىن زىرىكىش ھىس قىلىپ، سىزگە بولغان مۇھەببىتى قالمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل قىلمىشى بارغانسىرى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
ئاچچىقى يامان بولۇپ قالىدۇ
    سىزنى قوغلاشقان ۋاقىتتا، سىزگە ئىنتايىن ئىللىق ھەم مۇلايىم مۇئامىلە قىلىدۇ، سىزگە ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالماي، سىز ئەركىلەپ تەتۈرلۈك قىلسىڭىزمۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ سىزنى بەزلەپ خۇشال قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، سىلەر بەزى كىچىك بىر ئىشلار ئۈچۈنمۇ جىدەللىشىپ تەگىشىپ قالىسلەر، ئۇنىڭمۇ سىزنى ئىلگىرىكىدەك بەزلەپ خۇشال قىلىشقا رايى قالمايدۇ. سىز ئەركىشىنىڭ ئاچچىقى يامان بولۇپ قېلىشنى، خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق ياكى تۇرمۇش بېسىمدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ؛ چۈنكى، بىر ئەركىشى سىزنى ھەقىقى تۈردە ياخشى كۆرسە، ئۇ ھەرگىز ئۆزىدىكى پاسسىپ كەيپىياتلارنى سىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ؛ ھەرقانچە ھېرىپ-چارچاپ كەتكەن بولسىمۇ، سىزنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېچىلىپ كىتىدۇ.
يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ قېلىشقا باشلايدۇ
    يېقىندا بىر دوستۇم، ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ يېقىندىن بويان ھەمىشە سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ دائىم كەچ كىلىدىغانلىقىنى، ئۆيگە كەلگەندىن كىيىنمۇ بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپمۇ قويماي، كىلىپلا ئۇخلاشقا ياتىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى. دوستۇمنىڭ دىيىشىچە، بىر قېتىم ئۇ ئوغۇل دوستىنىڭ شىركىتىگە، ئۇنىڭغا كىچىلىك تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى بارغاندا، ئوغۇل دوستى شىركەتتە ئەمەس چىققان بولۇپ، دوستۇمغا سىرتتا خىرىدارلارغا ھەمرا بولۇپ تاماق يەۋاتقانلىق باھانىسى كۆرسەتكەن.
بۇ خىلدىكى، ھەمىشە ئالدىراشچىلىقنى باھانە قىلىپ، سەھەر ئۆيدىن چىققانچە يېرىم كىچىدە ئاندىن ئۆيگە پەيدا بولىدىغان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ راستىنلا ئالدىراش بولۇشى ناتايىن؛ ئۇ بەلكىم سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قېلىپ، سىزدىن زىرىككەن بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى سىرتتا ئاشنا تۇتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.
سىزنى ھېچبىر ئارتۇقچىلىقىڭىز يوقتەك ھىس قىلىدۇ
    سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋاقىتتا، ئۇ سىزگە "ئۇرۇقلىمىسڭىزمۇ بولىدۇ، يەنە ئازراق سەمىرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى"، "مەن سىزنىڭ گىرىم قىلمىغان ھالىتىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن" دەيدۇ. ئاياللار بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز راست دەپ ئويلاپ قالماسلىقى كىرەك. چۈنكى، كىيىن ئۇ چوقۇم سىزنى گىرىم قىلمايسىز، ياسانمايسىز دەپ ئەيىبلەيدۇ؛ تېخى يەنە سىزنى چوشقىدەك سەمىرىپ كەتتىڭىز دەپ مەسخىرە قىلىدۇ، ھەتتا سىزنى ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق بىر ئادەمگە چىقىرۋىتىشى مۇمكىن. ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، سىز نىمىلا قىلماڭ، ھەممىسى خاتا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارمۇ ئۆزىنى ياخشى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋىلىشى، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ سەمىمىي ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋىلىشى كىرەك.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号