ئاياللار ئەگەر خىزمەت قىلىشنى خالىمىسا...
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
    ئايال كىشى، ئەگەر سىز خىزمەت قىلىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلىپ كۆرۈڭ!
    بىرىنچى: ئەينەككە قاراپ بېقىڭ، سىزدە باشقىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك ھۆسنى-جامال بارمۇ يوق؟
    ئىككىنچى: بانكا كارتىڭىزنىڭ پۇل قالدۇقىغا قاراپ بېقىڭ، سىزدە تۇرمۇشىڭىزغا يىتەرلىك ئىقتىساد بارمۇ يوق؟
    ئۈچىنچى: يىڭىدىن تۈزۈلگەن تويلىشىش قانۇنىنى كۆرۈپ بېقىڭ! چۈنكى ئۇ سىزگە، پۇلدار يىگىتتىن بىرگە تىگىپ نامراتلىقتىن قۇتىلىدىغان دەۋرنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى ھەمدە ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايىنىش كىرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.
    مىنىڭ زوقۇم كىلىدىغان ئاياللار تۆۋەندىكىدەك ياشايدۇ:
    1. قانداق قىلىپ پۇل تىجەشكە ئەمس، بەلكى بىر ئاماللارنى قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلىشقا تىرىشىدۇ.
    2. ھەرقانچە غەزەپلەنسىمۇ ۋاقىراپ-جاقىرمايدۇ، ھەر ۋاقىت سۇغۇققانلىقنى ساقلايدۇ.
    3. ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى، ئۆزى تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ سېتىۋالىدۇ.
    4. گەپنى ئاز ئىشنى كۆپ قىلىدۇ؛ ئۆرە تۇرالىغۇدەك ھالى بولسا ئولتۇرۋالمايدۇ، مۇۋاپىق تۈردە چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
    5. پۇلدار ئەردىن بىرگە ياتلىق بولسام، ھەممە نەرسەم تەل بولىدۇ دەپ قارىمايدۇ.
    6. ھازىرقى خىزمىتىنى ياقتۇرمىسا، ياكى ئىستىپا بىرىپ خىزمەت ئالماشتۇرىدۇ، ياكى ئېغىزىنى يۇمۇپ كوتۇلدىمايدۇ.
    7. ئىتراپ قىلمىسىمۇ، ھۆرمەت قىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ.
    8. قارار چىقىرالماي قالغان ۋاقتىدا، ۋاقىتقا ياردەملىشىشىگە قويىدۇ. ئەگەر يەنىلا قارار چىقىرالمىسا، ئاۋال قىلىشنى باشلاپ، قالغىنىنى كىيىنچە بىرنىمە دەيدۇ؛ خاتالىشىپ قېلىشقا رازى بولىدۇكى، پۇشايماندا قېلىشنى خالىمايدۇ.
    9. ساپالىق بولۇشقا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ.
    10. گۈزەل چىراي قوغلىشىدۇ، لاتاپىتىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
    11. پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇپ، ياردەم قىلالىغۇدەك بولسا ياردەم قىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ تار يولدا قىستىمايدۇ، باشقىلارغا ئازراق يول قالدۇرۇشنى بىلىدۇ؛ باشقىلاردىن چىن قەلبىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدۇ.
    12. كىرپە بولىۋالمايدۇ، باشقىلار بىلەن ئاداۋەتلەشمىگىلى بولسا ئاداۋەتلەشمەيدۇ ھەمدە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ.
    13. پۇل گەرچە مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئەر كىشىگە ياكى ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالماسلىق كىرەكلىكىنى بىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ بەلگىلىك پۇل تېپىش ئىقتىدارى بار بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
    14. ئۆزىنىڭ كوللىكتىپ ئىچىدىكى رولىنى يۇقىرى چاغلىۋالمايدۇ؛ ھەرقانداق بىر ئادەم كەم بولۇپ قالسىمۇ، كۈننىڭ يەنە شەرقتىن چىقىۋىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
    15. ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات دەپ، كۆڭۈلسىز ئىشلارنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتىشنى بىلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号