باھار پەسلىدىكى ساغلاملىققا پايدىلىق كۆكتاتلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 41565:قېتىم كورۇلدى
     تەن سالامەتلىكىمىزنى ياخشى ساقلايمىز دىسەك، ساغلام بولغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن ئايرىلالمايمىز. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بەزىبىر كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدىغان كۆكتاتلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
راكقا قارشى تۇرۇشتىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆكتات: تاتلىق ياڭيۇ
    تاتلىق ياڭيۇنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە تېخى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باھالاپ چىققان"ئون چوڭ ئەڭ پايدىلىق كۆكتات" ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ. تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە، راك ھۈجەيرىلىنىڭ ئۆسۈشىنى توسىدىغان گلىكولىپىد ۋە دېئوكسى ئىزوئاندروستېرون ستېرون بار بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ.
     بىراق، تاتلىق ياڭيۇ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان بولۇپ، كۆپ يەۋالغاندا ھەزىم قىلىش ناچارلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇل شۇڭا كۈندىلىك ئىستىمال مىقدارى ئەڭ ياخشىسى 150گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.
قان تۇلۇقلاشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆكتات: قارا قېرىنقولاق(黑木耳)
    قان تۇلۇقلاش تىلغا ئېلىنسا، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى چىلان بىلەن قارا شىكەر بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە، قارا قېرىنقولاق ئاندىن قان تۇلۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يىمەكلىك ھىسابلىنىدۇ. قارا قېرىنقولاق يىيىشلىك، كۆڭۈلنى تۇتمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر تەركىبى مول بولۇپ، ھەر 100گىرام قارا قېرىنقولاق تەركىبىدە، 80مىللىگىرام تۆمۈر ماددىس بولىدۇ. شۇڭا، قارا قېرىنقولاق، تۆمۈر ماددىسى كەمچىللىكتىن كىلىپ چىققان قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئسىتىمال قىلىشىغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ.
قان بېسىمنى چۈشۈرۈشتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆكتات: چىڭسەي
    چىڭسەي تەركىبىدە كەرەپشە ماددىسى بار بولۇپ، قان تۇمۇرلارنى كېڭەيتىپ قان بېسىمنى چۈشۈرۈپلا قالماي، ئۇ يەنە ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىراق شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىككى، چىڭسەي تەبىئىتى سۇغۇق يىمەكلىك بولۇپ، كۈندە ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ؛ بولمىغاندا، ئاسانلا بەدەننىڭ سۇغۇقى ئېشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئاشقازان ۋە ئۆتنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىسىز بولىدۇ.
قان تازىلاشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆكتات: پىياز
   پىياز تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىپ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار. بۇنداق باشقا، پىياز تەركىبىدىكى بىياز جەۋھىرى مېيى، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ۋە قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتىرىيە قېتىشىشنى ياخشىلايدۇ. پىيازنى ئادەتتە ھەركۈنى 40گىرام ئەتراپىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ؛ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇرۇقلاشتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كۆكتات: كۆك كاۋا(冬瓜)
    قىش پەسلىدە بەدەننى ئىسسىق ساقلاش ئۈچۈن گۆشنى كۆپ يەۋەتتىڭىز ھەقىچان؟ كۆك كاۋىدىن ئازراق ئىستىمال قىلىپ، بەدىنىڭىزدە يېغىلىپ قالغان مايلارنى يوقىتىڭ! كۆك كاۋا تەركىبىدە ھۈلبە ئىشقارى ۋە تارترونىك كىسلاتا بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى قەنت تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ياغقا ئۆزگىرىپ كىتىشىنى توسىدۇ؛ ئۇرۇقلاشتا ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىك قىلىشقا ئەڭ ماس كىلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号