ئەللىكمىڭ ئەر-خوتۇننىڭ ئاجرىشىپ كىتىش سەۋەبى ئاشكارىلاندى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6034:ئادەم ئۆگەندى
     2-ئاينىڭ 15-كۈنى، جېجىياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ 2018-يىللىق ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش ماجراسى ئەدىلىيە چوڭ سىتاستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.
    سوت مەھكىمىسى خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇلار ئەسلىدە 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلىشنى ئويلاشقان، ئەمما بىر كۈننى چىداپ ئۆتكۈزۈۋىتىپ، ئاخىرى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگە كەلگەندە، كۆپچىلىككە شىرىن مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر قارشى تەرىپىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
    2018-يىلى، جېجىياڭ ئۆلكىسى تەۋەلىكىدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە بىجىرىلگەن ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش ماجراسى 50مىڭ قېتىمغا يېقىنلاشقان(49804 قېتىم).
    بۇنىڭ ئىچىدە، %34.21 ئاجرىشىش ماجراسى، تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان.
    %30.16قىسمى، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىپ كىتىشتىكى ئىككىنچى چوڭ سەۋەپكە ئايلانغان.
    بۇلاردىن باشقا، مۇھەببەت ئاساسى ئاجىز بولۇش، ئائىلە زوراۋانلىقى، مىجەز-خارەكتىردىكى پەرق، پىكىرلىشىش كەمچىل بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەردىن ئىكەن.
    ئەر-خوتۇنلار ئاجراشقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ تارتىشىدىغىنى، ئۆي ياكى ماشىنا دىگەنلەر ئەمەس، بەلكى بالا ئىكەن. بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقى تەۋەلىكى، ئاجرىشىش جەريانىدىكى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان تەلەپ ئىكەن.
    بۇ قېتىملىق سىتاستىكا چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، توي قىلغاندىن كىيىنكى 6-2يىل ئارلىقىدىكى ۋاقىت، ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىپ كىتىشى يۇقىرى پەللىسى مەزگىلى ھىسابلىنىدىكەن.
   ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغانلار ئىچىدە، 25ياشتىن بۇرۇن ئاياللار چوڭ قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن؛ 30 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئەر، ئاياللار ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىش نىسبىتى بارغانسىرى يېقىنلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن؛ 55 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن بولسا، ئەرلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن.
    بۇندىن باشقا، جېجىياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى يەنە، توي قىلغان ئىككى تەرەپ ئىچىدىكى بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرەپنىڭ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالدامچىلىقى—توردا مۇھەببەتلىشىش ئالدامچىلىقىغا دىققەت قىلىش ھەققىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىش بەرگەن.
    مۇھەببەت چوڭقۇرلاشقانسىرى، شۇنچە بەك ئالدايدۇ. بۇ قېتىملىق ئەدىلىيە چوڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىجتىمائى ئالاقە تور سەھنىسى ئالدامچىلىقى، تور ئالدامچىلىقىدىكى ئاساسلىق ئېقىمغا ئايلانغان.
   ئاخىرىدا، جېجىياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى كۆپچىلىككە چاقىرىپ ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تويلىشىشتا ئەستايىدىل ئويلىنىپ ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈڭ! ئائىلىڭىزنى سەۋرچانلىق بىلەن قامداڭ! ئەدىلىيە چوڭ سانلىق سىتاستىكىسى سىزنىڭ "تۆھپە قوشۇشىڭىز"غا ئىھتىياجلىق ئەمەس.
 

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号