تەن ساقلىق—زور بايلىق! ساغلام بەدەن بولسا، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى. بىراق، تۇرمۇشتىكى ساغلام بولمىغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە بەزىبىر ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى سەۋەپلىك، بىزنىڭ بەدىنىمىز ئۇزۇن مەزگىل "نىسپى ساغلاملىق" ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ساغلاملىق ئەھۋالىمىزنىڭ ناچارلىشىپ قېلىشىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار بولىدۇ؟

ئىشتىھا ناچارلىشىپ، ھەزىم قىلىش ياخشى بولمايدۇ
ئىشتىھا ناچارلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار نۇرغۇن بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، روھى خارەكتىرلىك ۋە ئورگانىك ئەزالار خارەكتىرلىك ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل ئىشتىھا ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان روھى خارەكتىرلىك ئامىل ئاساسلىقى خامۇشلىشىش كىسىلىنى كۆرسىتىدۇ. خامۇشلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئۇلاردىكى ئىنىرگىيە سەرپىياتمۇ تۆۋەن بولىدۇ؛ بۇنىڭغا پىسخىكىلىق بېسىم قوشۇلۇپ، ئىشتىھاسى تەبىئىلا ناچارلاپ كىتىدۇ.
ئورگانىك ئەزالار خارەكتىرلىك ئامىل ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدا كىسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھەزىم قىلىش سېستىمىسى ئورگانىك ئەزالىرى، يۇتقۇنچاق، ئاشقازان چوڭ-كىچىك ئۈچەي، جىگەر، ئۆت ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ئەزالارنىڭ ھەرقانداق بىرەرسىدە مەسىلە كۆرۈلسە، يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇپ سۈمۈرلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئورگانىك ئەزالاردىكى كىسەللىك ئۆزگىرىشى جەھەتتە، ئادەتتە ئاشقازان ياللۇغى، جىگەردىكى كىسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ھەزىم قىلىش سېستىمىسى ئورگانىك ئەزالىرىدا كىسەللىك ئۆزگىرىش كۆرۈلگەندە، ئىشتىھا ناچارلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەنگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي تەن سالامەتلىك ناچارلىشىپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئاسانلا ھېرىپ-چارچاپ قالىدۇ
تۇرمۇشتا ھەمىشە ئاسانلا ھېرىپ قالىدىغان ياكى ماغدۇرۇ يىتىشمىگەندەك ھىس قىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلاردا ئىنىرگىيە كىلىش مەنبەسى يىتىشمىگەندىن باشقا، يەنە بەدەندىكى سەرپىياتمۇ زىيادە ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بەدەن ئىنىرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئەڭ تىپىك بولغىنى دىئابىت كىسىلىدۇر؛ دىئابىت كىسىلىدە ئادەتتە، يەيدىغىنى، ئىچىدىغىنى، ۋە كىچىك تەرىتى كۆپ بولىدۇ، ئەمما بەدىنى ئۇرۇق ۋىجىك كىلىدۇ. بۇخىل ئاساسلىق كىسەللىكلەردىن باشقا يەنە، بەزىبىر ئاستا خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارمۇ، كىسەللىك ئۇلارنىڭ بەدەن ئىنىرگىيىسىنى ئۇزۇن مەزگىل زىيادە خورىتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، ئۇلار بىر قاراشقىلا تېنى ئاجىز كىسەل چىراي كۆرىنىدۇ. بۇندىن باشقا، خامۇشلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار، يىمەكلىككە قىزىقىشى بولمىغانلىقتىن، قارىماققا ناھايىتى روھى سۇلغۇن كۆرۈنىدۇ.

كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ناچار كىلىدۇ
بەدىنى ئاجىز كەلگەن كىشىلەر، ئازراق ئىگىز-پەسلىككە ئۇچرىغان ھامان كىسەل بولۇپ قالىدۇ؛ مەسىلەن، كىلىمات ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا ئاسانلا زۇكامداپ قىزىپ قالىدۇ. كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى، ئادەم ئونۋىرسال بەدەن ساپاسىنىڭ بىر خىل ئۆلچىمى بولۇپ، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، قان ئازلىق كىسىلى، روھى بېسىم ئېغىر بولۇش قاتارلىق ناچار ئامىللارنىڭ ھەممىسى بەدەننىڭ سىرتقى مۇھىتنىڭ زەربىسىگە بولغان مۇداپىئە كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ناچارلاپ كەتكەندە، ھەر خىل كىسەللىكلەر پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ئوخشاش بىر خىل ناچار غىدىقلاشقا قارىتا، بەزى كىشىلەر ئاسانلا كىسەل بولۇپ قالىدۇ، ئەمما كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك ئادەم كىسەل بولۇپ قالمايدۇ.