قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى بىتەرەپ قىلىشتىكى سەككىز پىرىنسىپ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5733:ئادەم ئۆگەندى
    ئەگەر قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىتەرەپ قىلاي دىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك "يۇشۇرۇن قائىدە-پىرىنسىپلار"نى بىلىشىڭىز كىرەك.
قېيىنئانىنىڭ "شۆھرەتپەرەسلىك پىسخىكىسى"
    ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق، مەدىيەھلەش سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق كىلىدىغان بولۇپ، ماختاش سۆزلىرىنى ئاڭلىسا كۆڭلى ئارام تېپىپ خوش بولۇپ كىتىدۇ. ياشانغان كىشىلەرنى كىچىك بالىنى بەزلىگەنگە ئوخشاش بەزلەش كىرەك بولۇپ، ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردا ئۇلارنى ماختاپ، "ئانا، قارىماققا ئەمىلىي يېشىڭىزدىن كىچىك كۈرۈنىدىكەنسىز"، " ئانا ئۆينى بەك پاكىز تۇتۇپسىز، تامىقىڭىز بەك ئوخشاپتۇ" دىگەنلەرگە ئوخشاش سۆزلەرنى ھەرگىز ئاياپ ئولتۇرماسلىق كىرەك.
ئىرىنى ئىشقا بۇيرۇش
    گەرچە ھازىر جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز بولسىمۇ، ئەرلەرنى ئېزىزلاپ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيە يەنىلا مەۋجۇت؛ بولۇپمۇ، ئاتا-ئانىمىز يېشىدىكى ئالدىنقى ئەۋلاد كىشىلەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر قېيىنئانىڭىز سىزنىڭ ئىرىڭىزنى خالىغانچە ئىشقا بۇيرىغىنىڭىزنى كۆرسە چوقۇم خاپا بولىدۇ؛ ئۇلار، ئوغلۇمنىڭ ئايالىنىڭ ئالدىدا قىلچىلىك ئورنى يوقكەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇڭا قېينئانىڭىز بار يەردە ئىرىڭىزنى ئىشقا بۇيرۇشتىن ساقلىنىڭ.
ئىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش
   سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئىرىڭىز بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشسىڭىز، بۇ باشقىلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بولغانغا ئوخشاش، ئەگەر قېينئانىڭىزنىڭ ئالدىدىمۇ ئىرىڭىزغا چاپلىشىۋالسىڭىز، قېيىنئانىڭىزنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ قويىسىز. شۇڭا بۇ جەھەتتىمۇ دىققەت قىلمىقىڭىز لازىم.
ئىرىگە ئەرز-دات ئېيتىش
    ئەگەر قېينئانىڭىز سىزنى ئىرىڭىزگە چېقىشتۇرسا، سىز ئاۋال قېيىنئانىڭىزنىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلۇقمۇ ئەمەس قاراپ بېقىڭ؛ ئەگەر قېيىنئانىڭىزنىڭ دىگەنلىرى ئورۇنسىز بولسا، سىز ئۆزىڭىز قېيىنئانىڭىز بىلەن ئېتىشماي، ئىرىڭىزنى ئوتتۇرلۇقتا مۇرەسسە قىلىشقا قويۇڭ. ئەمما سىز ئۆزىڭىز، بەزىبىر كىچىك ئىشلار ئۈچۈن، ئىرىڭىزنىڭ ئالدىدا قېيىنئانىڭىزدىن ئاغىرىنىپ قاقشىماڭ؛ كەڭ قوساق بولۇڭ، ھەرقانداق ئۇقۇشماسلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەل بولۇپ كىتىدۇ.
 قېيىنئانا بىلەن كىلىننىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىكى پەرق
    بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭمۇ، تۇرمۇش ئادىتى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتۈش، بىر-بىرىنى توغرا چۈشىنىش ۋە كەڭ قوساق بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. كىلىن بولغۇچى، ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئادىتى ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەرنى ماھىرلىق بىلەن بىتەرەپ قىلىپ، ئىمكان قەدەر كەڭ قوساق بولۇشى ۋە پىكىرلىشىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك.
جىدەللىشىشتىن ساقلىنىش
   ئوتتۇرلۇقتا زىددىيەت تۇغۇلغان ۋاقىتتا، مەيلى قېيىنئانا بولسۇن ياكى كىلىن بولسۇن، ھەر ئىككى تەرەپ سۇغۇققان بولۇش، ئاچچىقىنى بېسىۋىلىپ، دىيىشكە تىگىشلىك بولمىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ سىېلىپ، قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئەرنىڭ ئوتتۇرلۇقتىكى سالاچىلىق رولى
   بىرلا ۋاقىتتا، ھەم ئوغۇل ھەم ئەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھېچقايسى تەرەپكە يان باسماسلىق، زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئىرىڭىز(ئوغلىڭىز)، قېيىنئانا ۋە كىلىن ئىككى تەرەپنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇلار، قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى بىتەرەپ قىلىشتا، ئىنتايىن مۇھىم بولغان مۇرەسسە قىلغۇچى رولىنى ئوينايدۇ. ئوغۇل بولغۇچى(ئەر بولغۇچى)، قېيىنئانا بىلەن كىلىن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەشنى ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن تىرىشمىقى لازىمدۇر.
قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىمەن دىمەسلىك
   ئەقىللىق كىلىن بولاي دىسىڭىز، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىشنى بىلىشىڭىز كىرەك. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بىر ئادەمنى ئۆزگەرتىش ئاسان ئەمەس؛ جاھىل قېيىنئانىلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۇسۇل بولسا، ئۆزىنىڭ كۈچىنى يېغىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ چىقىرىش ھەمدە بۇ ئارقىلىق قېيىنئانىڭىزنىڭ سىزگە يىڭىچە كۆزدە قاراشتا بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنداق ھېزىم بوزەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كىرەك.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号