كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5827:قېتىم كورۇلدى
   ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈش، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كەچمىشى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل ئائىلىگە نىسبەتەن، ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇشى، خوشال بولۇشقا تىگىشلىك بىر ئىش. كۆپ قىسىم ئاياللار، ساغلام ھەم ئەقىللىق بالا تۇغۇش ئۈچۈن، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئاكتىپ ھالدا ھەر جەھەتلەردىن تەييارلىق كۆرۈشنى باشلايدۇ. لىكىن، بەزى ئەر-خوتۇنلار شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلسىمۇ، ئايالى ھامىلدار بولماي، ئۇلارنى تەقەززا قىلىۋىتىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بىر ئايال كىشىنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى بىر قىسىم جايلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
كالپۇك
    ئادەتتە، ئەگەر ئاياللارنىڭ كالپۇكى قىزىل ھەم پاقىراق كەلسە، بۇ ئۇنىڭدا قۇۋۋەت ماغدۇرنىڭ يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى تېنىنىڭمۇ ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ بۇنداق ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئەلۋەتتە كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ كالپۇكى قۇرغاق ھەم يېرىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭگى ئۆڭگەن كەلسە، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قۇۋۋەت ماغدۇرنىڭ كەمچىللىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەتتا قان ئازلىق كىسىلى بار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەگەر تىزراق قورساق كۆتۈرۈپ، ساغلام بوۋاقتىن بىرنى تۇغاي دىسىڭىز، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ بەدىنىنى ياخشى تەڭشىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ.
بالىياتقۇ
   ھەيىز كۆرۈش، ئاياللار ساغلاملىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئەينەك بولۇپ، ئەگەر ئادەتتە ھەيىز كىلىش نورمال بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال، ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسى ۋە تۇخۇمداننىڭ ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈىدۇ؛ بۇنداق ئاياللار ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرگەندە تېخىمۇ ئاسان بويىدا قالىدۇ. بىراق ئەگەر ھەيىز بىنورمال كىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىنىدكى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشىمۇ نورمال بولمايدۇ، شۇڭا ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش ۋاقتى سەل ئۇزۇنغىراق سۈرۈلۈپ كىتىپ قالىدۇ.
ساغرا
   كونىلاردا ساغرىسى چوڭ ئاياللار تۇغۇشچان كىلىدۇ دىگەن گەپ بار؛ بۇ قاراش ئاڭلىماققا سەل قوپالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەلگىلىك ئىلمى ئاساسى بار. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە ئېيتىلغان ساغرىسى چوڭ بولۇش، ئۇلارنىڭ ساغرىسىدىكى ماي گۆشلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ داس سۆڭىكىنىڭ كەڭ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇنداق بولۇشنىڭ بالىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىغا تېخىمۇ پايدىسى بار بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بەدەن شەكلى ئۇرۇق، داس سۆڭىكى نىسبەتەن تار كەلگەن ئاياللار، تۇغۇتتا بىرقەدەر قىينىلىپ قالىدۇ، بەزىدە ھەتتا تۇغۇتى قىيىن بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ساغرىسى چوڭراق (داس سۆڭىكى كەڭرەك) بولغان ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدار بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号