ئۇيقۇڭىز ناچار بولسا، بۇ بەش جەھەتتە ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
   نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دائىم ئۇيقۇسى قاچىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ؛ ئەمما ئۆزىدىكى ئامىللارنى ھىسابقا ئالمىغاندا، كىشىلەر ھەمىشە دورا ئىچسەك ياكى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۇخلىساق، ئۇيقۇنى تۇلۇقلىۋالغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇ بىر خىل خاتا قاراش بولۇپ، ئەگەر ئۇيقۇ سۈپىتىڭىز ناچار، ھەمىشە ئۇيقۇڭىز قاچىدىغان بولسا، سىز ئاۋال تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشڭىز كىرەك؛ چۈنكى، بۇ بەش خىل ناچار ئادەت ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ.
كەچتە ۋاقتىدا ئۇخلىماي كۆپ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى شۇنچە قاچىدۇ
    نۇرغۇن كىشىلەر ئاخشىمى بىر ئىشلارنى ئويلاشسا ئەكسىچە ناھايىتى روھلۇق بولۇپ كىتىدۇ، ۋە ياكى خىزمەت سەۋەبى بىلەن ھەمىشە كىچىسى ئۇخلىماي ئۇيقۇسى قېچىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىئولوگىيىلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا، كۆپ مەسىلە ئويلىماي، مىڭىنى قۇرۇق تۇتساق، ئۇيقىغا كىرمىكىمىز ئاسانغا توختايدۇ.
ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قويۇپ قويۇڭ ھەمدە كۆزىڭىزنى يۇمۇڭ
    كومپىيوتىر، تاختا كومپىيوتىر، يانفون قاتارلىق ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە سىزنىڭ ئۇيقۇڭىزنىمۇ ئېلىپ قاچىدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىشلىچە، ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار تارقاتقان كۆك نۇرنىڭ قارا يوقىتىش ماددىسىغا بولغان تەسىرى ئاق نۇرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ساقلىنىش
   ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، مۇسكۇللارنى كونتىرول قىلىدىغان مىڭە نىرىپ ھۈجەيرىلىنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدە ھاياجانلىنىش ھالىتىگە ئەكىلىپ قويىدۇ. بۇ خىل ھاياجانلىنىش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەسەيمەيدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسىمۇ بۇ سەۋەپلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئاسانلا ئۇخلىمىقى تەسكە توختايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ساناق ساناشنىڭ ئۇيقۇغا كىرىشكە پايدىسى بار دىگەن قاراشنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق
   قاچاندىن باشلاپ پەيدا بولدى بىلمىدىم، كىشىلەر ئۇيقۇسى قاچقان ۋاقىتتا، ساناق ساناش (بىۋاستە بىردىن باشلاپ ساناق ساناش، ياكى قوي ساناش دىگەنلەرگە ئوخشاش) ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە ئۇيقۇغا كىرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدىغان بولىۋالدى. ئەمىلىيەتتە، بۇ ئىلمى ئاساسى يوق بىر قاراش. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ساناق ساناش ئارقىلىق ئۇيقۇغا كىرىشكە نىسبەتەن ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدىغان بولۇپ، تىز سۈرئەتتە ئۇيقۇغا كىرىشكە پايدىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەسكەن. ئەكسىچە، ئۇخلاشتىن ئاۋال، بىز ئەگەر بەزى بىر گۈزەل مەنزىرىلەرنى خىيال قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئىمكان قەدەر ئازادە قويۇپ بىرىپ، جىددىلىشىش ۋە تەشۋىشلىشىشنى پەسەيتسەك، تىز سۈرئەتتە ئۇيقۇغا كىرگىلى بولىدىكەن.
ياتاق ئۆينى سالقىن ھەم راھەت ساقلاش
    كۆپ قىسىم ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇخلاشقا ئەڭ ماس كىلىدىغان ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسى 22.2-15.6سىلتىسيە گىرادۇس ئىكەن. ئەگەر سىز پۈتۈن بىر ئاخشام ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ياتاق ئۆيگە شامالدۇرغۇچ ئورناتسىڭىز، ياكى دەرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرسىنى تۆۋەنلەتسىڭىز بولىدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号