ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى "ئوتى" بار ئەرلەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5958:قېتىم كورۇلدى
    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇھەببەتكە نىسبەتەن مۇقىم بىر ئىنىقلىمىسى يوق بولۇپ، ھەمىشە بەزىبىر خاتا سىزىملەرنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان مۇھەببەت چاغلىۋالىدۇ ھەمدە ئۆزىنى مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكتۈرۈپ قويىدۇ؛ بولۇپمۇ ئاياللار، ئاياللارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قارىشى نىسبەتەن جاھىل خارەكتىرلىك بولۇپ، ئۇلار مۇھەببەتنى پۈتكۈل دۇنيا ھىسابلىۋالىدۇ. ئاياللار بىر ئەركىشىنى قەلب قېتىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇلار ياخشى كۆرگەن بۇ ئەر ئادەتتە بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىكى ئاتالمىش "يۇۋاش" ئەرلەر ئەمەس، بەلكى ئازدۇر-كۆپتۇر "ئوتى" بار ئەرلەردۇر.
خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان ئاچچىقى يامان ئەرلەر
   ئاچچىقى يامان بولۇشنى تىلغا ئالساق، ئىشىنىمەنكى، ھەممىمىز ئاسان ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان كىشىلەرنى ياقتۇرمايمىز. بولۇپمۇ ئاچچىقى يامان ئەرلەر، ئۇلار ھەمىشە ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئالدىدا يا خالىغان گەپلەرنى قىلالمايمىز، ياكى خالىغان ئىشلارنى قىلالمايمىز. لىكىن، بەزى ئاياللار دەل مۇشۇنداق خارەكتىرى كۈچلۈك، ئاچچىقى يامان ئەرلەرگە ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ "كۈچلۈك خارەكتىرىنى" جارى قىلدۇرۇپ، كۆڭلىدىكى مۇھەببىتىنى بىۋاستە ئىپادىلەپ چىقىرالايدۇ.
ھەمىشە ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايەن قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر
    ئاياللارنىڭ ھەممىسى، ئۆزىگە مۇلايىم مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى بۇنىڭدا، ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر يەنە تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى مۇھەببەت ۋەقەلىكلىرىنى ھەۋەسلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆرىدۇ؛ مەسىلەن، ئەر پىسوناژ ھەمىشە سىرتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلايدۇ. بۇنداق ئەلەرنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ئاچچىقى ۋە ئۆزگىچە مىجەز-خۇلقى بار بولۇپ، ئاياللارغا بىر خىل "زومىگەر باش دىرىكتور" تۇيغۇسى بىرىدۇ؛ شۇڭا ئاياللار، كۆپىنچە بۇ خىلدىكى ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.
شەرتسىز قوغداش
    تىلىۋىزوردىكى "ھايۋاناتلار دۇنياسى" پىروگىراممىسىدا، بىز بەزىدە ھايۋانلارنىڭ ھېچنىمە بىلەن كارى بولماي ئۆز بالىسىنى قوغدىغان، ھەرقانچە خەتەرلىك دۈشمەنگە دۇچ كەلسىمۇ، يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىغا چىقىپ، ئۆز ھاياتى ئارقىلىق بالىسىنى قوغدىغان ۋەقەلىكلەرنى كۆرۈپ قالىمىز. ئاياللارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا، يېنىدىكى ئەر كىشىنىڭ مۇشۇنداق ھېچنىمىگە قارىماستىن ئۆزىنى قوغدىشىنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى، مەيلى كۈچى يەتسۇن ياكى يەتمىسۇن، مەيلى خاتا بولسۇن ياكى توغرا بولسۇن، ئايال كىشىنى شەرتسىز ھالدا قوغداشتىن باش تارتمايدىغان ئەر كىشىدۇر.
مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق ئەرلەر
    مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق بولۇش، بەزىدە بىزگە نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كىلىدۇ. ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىزنىڭ ئالدىدا، بىز ھەمىشە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىمىزنى ئۇنىڭغا قالدۇرىمىز؛ ياقتۇرمايدىغان ئادەملىرىمىزگە قارىتا بولسا، بىز ھەمىشە ئازدۇر-كۆپتۇر نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەپ، ئىمكان قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسلىققا تىرىشىمىز ھەمدە ئىچكى دۇنيارىمىزدىكى ياقتۇرۇش ياكى ياقتۇرماسلىقنى ئىنىق ئىپادىلەپ چىقىرىمىز. بۇنداق پوزۇتسىيە ئارقىلىق نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىپ قېلىشقا بولىدۇ. ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايال كىشىگە نىسبەتەن، مۇھەببەت نەپرىتى ئىنىق ھالدا پوزۇتسىيە تۇتسا، ئۇلار چوقۇم ئەڭ قىممەتلىك مۇھەببەتكە ئىرىشەلەيدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号