نۇرغۇن كىشىلەر، دۇنيادىكى چىقىشپ ئۆتمىكى ئەڭ تەس بولغىنى، قېيىنئانا بىلەن كىلىن دەپ قارايدۇ.
بىر ئۆيگە نىسبەتەن، قېيىنئانا ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئايال خۇجايىن؛ كىلىن بولسا يىڭى بىر ئەۋلاد ئايال خۇجايىن. قانداق قېيىنئانا بولسا، شۇنداق كىلىن بولىدۇ. شۇڭا، ئائىلىنىڭ ئىجىل-ئىناق بولۇشىدا، قېيىنئانىنىڭ پوزۇتسىيىسى ئىنتايىن مۇھىم.
يېقىندا، تورداشلار ياخشى قېيىنئانىنىڭ ئون تۈرلۈك ئۆلچىمىنى بىكىتىپ چىققان، ھەمدە قېيىنئانىڭىز ئوننىڭ ئىچىدىكى بەش ئۆلچەمگە يىتەلىسە، سىز خاتا ئادەمگە ياتلىق بولمىغان بولىسىز دەپ ئېيتىشقان. ئۇنداقتا بۇ ئون تۈرلۈك ئۆلچەم زادى قايسىلار؟ تۆۋەندى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
1. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ گىدىيىۋالمايدۇ
بەزى قېيىنئانىلار ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ گىدىيىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، كىلىنىنى ئەسلىدىنلا مىنىڭ خىزمىتىمنى قىلىشى كىرەك دەپ قارايدۇ. ئەمما، ياخشى قېيىنئانا ناھايىتى دىمكىراتىك كىلىدىغان بولۇپ، كىلىنى باراۋەر ئاساستا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

2. كىلىنىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىگە ئارىلىشىۋالمايدۇ
كىلىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن پۇل خەجلەپ، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسەتسە، بەزى قېيىنئانىلار بۇنى قالايمىقان پۇل خەجلىگەنلىك دەپ قارايدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانىلار، ئەزەلدىن كىلىنىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ.
3. باشقا كۆزدە قارىمايدۇ
بەزى قېيىنئانىلار، كىلىننى سىرتنىڭ ئادىمى، ئوغلۇم ئاندىن ئۆزۈمنىڭ بالىسى دەپ قارايدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانىلار، كىلىنىنى ئۆزىنىڭ قىزىدەك كۆرىدۇ، ئۇنى يات ھىسابلىمايدۇ.
4. باشقىلارنىڭ ئالدىدا كىلىنىنىڭ يامان گېپىنى قىلمايدۇ
بەزى قېيىنئانىلار غەيۋەت قىلىشقا ئامراق بولۇپ، ھەمىشە سىرتتىكى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا كىلىنىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، ئائىلە زىددىيىتى پەيدا قىلىدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانا، ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا كىلىنىنىڭ يامان گېپىنى قىلمايدۇ؛ كىلىنىدىن نارازى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئوتتۇرغا قويىدۇ.
5. ئوغلى بىلەن كىلىنىنىڭ ئوتتۇرلىقىغا بۆلگۈنچىلىك سالمايدۇ
بەزى قېيىنئانىلار، ئوغلىنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا چىدىماي، ھەمىشە كىلىنى ئوغلىنى تارتىۋالغاندەك ھىس قىلىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانا، ئوغلىنىڭ ئالدىدا كىلىنىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ، ئائىلىنى تىخىمۇ ئىللىق ۋە بەخىتلىك قىلىدۇ.
6. كونىلىققا ئېسلىۋالمايدۇ
بەزى قېينئانىلارنىڭ ئىدىيىسى قالاق كىلىدىغان بولۇپ، ھەممە ئىشتا كونىلىققا ئېسلىۋىلىپ، كىلىنىدىن ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانا ئىدىيىسى ئۇچۇق كىلىدىغان بولۇپ، كىلىنى بىلەن بىرلىكتە يىڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
7. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدۇ
بەزى قېيىنئانىلار، ئۆي ئىشلىرىنى كىلىن قىلىشى كىرەك دەپ قاراپ، ئۆزى ھېچ ئىش قىلمايدۇ، يەنە تېخى كىلىنىنى ھۇرۇن دەپ ئاغرىنىدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانا، كىلىنىنىڭمۇ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى توغرا چۈشىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدۇ.
8. كىلىنىنىڭ شەخسى بوشلۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ
بەزى قېيىنئانىلار، كىلىنىنىڭ شەخسىيىتىنى ھۆرمەت قىلماي، ياتاق ئۆيىگە خالىغانچە كىرىدۇ، ھەرقانداق ئىشنى سوراپ بىلگۈسى كىلىدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانا بولسا، كىلىنىنىڭ شەخسى بوشلۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدىغان بولۇپ، سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان گەپ-سۆزلەرنى ئەزەلدىن سورىمايدۇ.
9. ئوغلى ۋە كىلىنىنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىدۇ
بەزى قېيىنئانىلار ئۆزىنى تەجىربىلىك ھىسابلاپ، ئوغلى بىلەن كىلىنىنى، ئۆزىنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانا، ياشلارنىڭمۇ پىكىرىنى ئاڭلاپ قويۇشنى خالايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ.
10. ئوغۇللارنى ئەتىۋالاپ قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئىدىيەدە بولمايدۇ
بەزى قېيىنئانىلار، ئوغۇللارنى ئەتىۋالاپ، قىز بالىنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ، ئەگەر كىلىنى قىز تۇغسا، چىرايى تۇتۇلۇپ، كىلىنىگە ئاچچىق قىلىدۇ. ئەمما ياخشى قېيىنئانا، كىلىنى مەيلى ئوغۇل تۇغسۇن ياكى قىز تۇغسۇن، ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.
بىر ئەر كىشىگە ياتلىق بولۇش، ئەمىلىيەتتە بىر ئائىلىگە ياتلىق بولغانغا باراۋەر بولۇپ، ئايال كىشى تويدىن كىيىن بەخىتلىك بولالامدۇ يوق، ئىرىنىڭ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش قىلماسلىقىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى ياخشى بىر قېيىنئانىغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سىز ياخشى بىر قېيىنئانىغا ئۇچرىغان بولىسڭىز، ئۇنىڭغا ۋاپادار بولۇپ، ئۇنى چوقۇم ياخشى قەدىرلىشىڭىز كىرەك. ئەگەر سىزنىڭ كىلىنىڭىز بار بولغان بولسا، ئائىلىڭىزنىڭ ئىناقلىقى ۋە بەخىتلىك بولۇشى ئۈچۈن، سىزمۇ ياخشى قېيىنئانا بولۇپ سىناپ كۆرۈڭ.