ھەرقانداق ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە تەمەننا قويماڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
-1-
   كىشىلىك ھاياتتىكى ئۆتكۈنچى مىھمانلار، كىلىپ-كىتىپ تۇرىدۇ؛ ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ھېچكىمى ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرقانداق بىر ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەمەننا قويماڭ. رىئال تۇرمۇشتا، سىزنىڭ چىن كۆڭلىڭىزگە ئىتىبار بىرىدىغان ئادەم كۆپ بولمايدۇ، سىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولىدىغان كىشىلەر تېىخىمۇ ئاز.
   بەلكىم، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولۇشى مۇمكىن؛ بۇندىن بۇرۇن، ئالاقىڭىز مەيلى قانچىلىك قۇيۇق بولمىسۇن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا توسۇق بولۇپ تۇرىۋالىدىغىنى، تەدرىجى يېراقلىشىپ كىتىپ بارغان ئارىلىق ۋە ناتۇنۇشلۇق تۇيغۇسى.
    دۇنيادا، ھەممىلا ئادەم سىز بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولۇشقا رازى بولىدىغان ئەمەس.
   كۆپ ھاللاردا، سىز، پەقەت چىن كۆڭلۈمنى بېغىشلىسام، باشقىلارنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئىرىشلەيمەن دەپ قارايسىز؛ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلسام، ئۇلارمۇ ماڭا سەمىمى كۆڭلى بىلەن جاۋاپ قىلىدۇ دەپ بىلىسىز. لىكىن رىئاللىقچۇ؟ رىئاللىق سىزگە ھەمىشە رەھىمسىزلەرچە شۇنى ئېيتىدۇكى، مۇھەببەتكە نىسبەتەن، سىز قانچىكى ئىتىبار بىلەن قارىغانسىرى، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز شۇنچىلىك چوڭقۇر ئازاپ تارتىدۇ؛ ئادەملەرگە نىسبەتەن، سىز قانچىلىك چوڭ ئۈمىد كۈتكەنسىرى، ئۈمىدسىزلىنىشىڭىزمۇ شۇنچە قاتتىق بولىدۇ.

-2-
   بەزى ئادەملەر، سىز چىن كۆڭلىڭىز بىلەن ئۇلارنى قەلبىڭىزدە ساقلايسىز، ئەمما ئۇلار ناھايىتى تىزلا سىزنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ. بەزى ئادەملەر، سىز پۈتۈن نىيىتىم بىلەن ئەجىر سىڭدۈرسەم چوقۇم ئۇنىڭدىن جاۋاپ كۈتەلەيمەن دەپ قارايسىز؛ ئەمما نەتىجىدە، كۆپىنچە باشقىلار ئاللىقاچان كىتىپ قالغان، ۋەقەلىكمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغلىشىپ قالغان بولىدۇ.
   كىشىلىك ھاياتتا، كىممۇ كىمگە ئىزچىل بىر خىل پوزۇتسىيەنى ساقلىيالايدۇ، كىممۇ كىمگە مەڭگۈ ھەمرا بولۇپ ئۆتەلەيدۇ؟ باشتىن ئۆتكەن كەچمىشلىرىڭىز كۆپەيگەنسىرى، سىز تەدرىجى ھالدا چۈشىنىپ يىتىسىز؛ ئەمىلىيەتتە ئادەملەر باغرى تاش كىلىدۇ، سىزگە چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىلا ئادەمگە ئىچ سىرىڭىزنى تۆكىۋەرمەڭ، ئۆزىڭىزنى ئورنۇمنى ھېچقانداق ئادەم باسالمايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئەمىلىيەتتە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، ھىسيات سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، پەقەت سىز ئۆزىڭىز شۇنداق مۇھىم دەپ قارىۋالغان؛ چىن مۇھەببەت ئۇنچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، پەقەت ئۆزىڭىز خاتا ئويلىۋالغانلا خالاس.
    قىسقىچە ئېيتقاندا، دۇنيادا بىرەر ئادەمدىن ئايرىلىپ قالغانغا ياشىيالماي قالىدىغان ھېچقانداق ئادەم يوق. بەزىدە، شۇنداق كەينىمىزگە ئۆرۈلگىنىمىزدە، ئاللىقاچان ناتۇنۇش كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالغان بولىمىز.

-3-
    ھاياتلىقتا، ئەرزىمەس ئادەملەر ئۈچۈن ئەرزىمەس ئىشلارنى قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن زۈرۈرىيىتى يوق. بۇ دۇنيانىڭ چوڭلىقىدا، ھەرقانداق بىر ئادەم، ھەرقانداق بىر ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالسا، يەنە ئوخشاشلا ياشاۋىرىدۇ؛ ھاياتلىقتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، ئۆزى خۇشال-خۇرام ئۆتۈشتۇر.
   ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش كۈرۈلۈپ تۇرىدىغان تۇرمۇش جەريانىدا، سىزگە ھەقىقى تۈردە تايانچ بولالايدىغىنى، پەقەت سىز ئۆزىڭىزدۇر؛ بەختىڭىزنى، ئاخىرىقى ھىساپتا، ئۆزىڭىزگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشىڭىز لازىم بولىدۇ. شۇڭا، بەختىڭىزنى باشقىلارغا باغلاپ قويماڭ؛ ئۆزىڭىزگە تايانسىڭىز، ئەڭ ئىشەنچىلىك بولىدۇ.
   قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىم، ئاخىرىدا، ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号