بۇ ئانىنىڭ قىلمىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىكەن
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   ئەنگىلىيىلىك ئايال ئەيمىلى بۇ يىل 25ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تۆت بالىلىق بولغان؛ ئەمما بەخىتكە قارشى، ئۇنىڭ بىرىنچى بالىسى بىلەن تۆتىنچى بالسىى كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئەيمىلى قازا قىلغان ئىككى بالىسىنى مەڭگۈ ئىسىدىن چىقىرۋەتمەسلىك ئۈچۈن، بالىلىرىنىڭ جەسەت كۈلىنى ئويۇنچۇق قونچاقنىڭ ئىچىگە تىقىپ، ھەركۈنى بۇ قونچاقلارنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقان ھەمدە بۇ ئىككى قونچاقنى باشقا ئىككى بالىسىغا ھەمراھ قىلىپ بەرگەن.
    ئەيمىلىنىڭ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئىككى بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، ئۇنىڭغا ئېغىر زەربە بولغان، شۇڭا ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن بالىلىرى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىشنى ئويلاشقان. ئۇ توردىن، جەسەت كۈلىنى قاچىلاشقا بولىدىغان ئىككى "تەيدى ئېيىقى" قونچىقى سېتىۋىلىپ، ئىككى بالىسىنىڭ جەسەت كۈلىنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى قونچاق ئىچىگە سالغان ھەمدە قالغان ئىككى بالىسىغا، بۇ ئىككى قونچاقنىڭ ئۇلارنىڭ بىر تۇققىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە بالىلىرغا "بىر تۇققىنى"نىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى تاپىلىغان.
    ئەيمىلىنىڭ دىيىشىچە، ھازىر بۇ ئىككى "تەيدى ئېيىقى" قونچىقى، تۇغۇلغان كۈن ياكى بايرام دىگەندەك ۋاقىتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئائىلە يېغىلىشىغا قاتنىشىدىكەن. ئەمىلىي بۇ ئارقىلىق، ئالەمدىن ئۆتكەن ئىككى بالىسىنىڭ بۇ ئائىلىدە مەڭگۈ بىر كىشىلىك ئورنى بارلىقىنى بىلدۈرمەكچى ئىكەن. ئۇ ھازىر ھەركۈنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، ئىككى قونچاق "بالىسىنى" بىر قۇچاقلاپ قويۇشنى ئۇنۇتمايدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号