مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق | ئەڭ پاكار ئەر-خوتۇنلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5823:قېتىم كورۇلدى
   ياش پەرقى مەسىلە ئەمەس، بوي ئېگىزلىك پەرقى ئارىلىق ئەمەس؛ رايون ئايرىمىسى سەۋەپ ئەمەس، بەدەن ئېغىرلىقى بېسىم ئەمەس؛ مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا، ھەرقانداق مەسىلە ئۆزلىگىدىن ھەل بولۇپ كىتىدۇ. ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، بىرازىلىيەدە، ئوخشاشلا پاكارلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ پاكار ئەر-خوتۇن دەپ نام ئالغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا بەدەن شەكلى ۋە بوي ئېگىزلىكىنىڭ ھېچگەپ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.
   بىرازىلىيەلىك بورو بىلەن كاتىيۇشانىڭ بوي ئىگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 88سانتىمىتىر ۋە 89سانتىمىتىر بولۇپ، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق تۇنۇشقان. بورونىڭ بويى پاكار بولۇپ قېلىشى، تۇغۇلىشىدىنلا يىتىلىشى ياخشى بولماسلىق خارەكتىرىدىكى پاكارلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئايالىنى بىر قېتىم كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن. ئەمما سۆڭىكى يۇمشاپ يىتىلىشى تۇلۇق بولماسلىق تىپىدىكى پاكارلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئايالى كاتىيۇشانىڭ دىيىشىچە، ئۇ توردا بورو بىلەن ئەمدى تۇنۇشقان ۋاقىتتا ئۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرى كاتىيۇشاغا ياغلىما سۆزلەردەك بىلىنىپ، كاتىيۇشانى بىزار قىلىپ قويغان ئىكەن.
    ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى ھىكايە شۇ ھالەتتە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كىيىن، ئارىدىن 18ئاي ئۆتكەندىن كىيىنكى مەلۇم بىر كۈنى، كاتىيۇشا تۇيۇقسىزلا بورونى قارا تىزىملىكتىن چىقىرۋەتكەن؛ ئىككەيلەن قايتىدىن پاراڭلىشىپ، ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى يوقاتقان. ئىككى ئايدىن كىيىن، بورو 300كىلومىتىر مۇساپىنى بېسىپ كاتىيۇشانىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە بارغان؛ ھەمدە كۈرۈشۈپ 5كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇلار رەسمى مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان ھەمدە ساق تۆت يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، بىر ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ئاخىرىقى ئۆمرىنى بىرگە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشقان.
    ھازىر، بورو بولسا بىر قانۇن ياردەمچىسى، كاتىيۇشانىڭ بولسا ئۆزىنىڭ ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش ئورنى بار. باشقا نورمال ئەر-خوتۇنلارغا ئوخشاش، بۇ بىر جۈپ "كىچىك" ئەر-خوتۇنلارمۇ بىللە ساياھەتكە چىقىشىدۇ، ناگاندا بىر گەپ تالىشىپمۇ قويىدۇ؛ ئوخشىمايدىغان يىرى بولسا، ئۇلار بوي ئېگىزلىكى سەۋەپلىك، ھەمىشە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئېلىش، ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىشلىتىش ۋە تاللا تاماق يىيىش قاتارلىق جەھەتلەردا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدىغان بولۇپ، گەرچە بەزى ۋاقىتلاردا كوچىلاردا باشقىلارنىڭ كۇسۇرلىشىپ قول كۆرسىتىشلىرى ۋە مەسخىرىلىك قاراشلىرىغا ئۇچراشتىن ساقلىنالمىسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا، ئۇلار باشقىلارنىڭ يېنىغا كىلىپ ياردەمگە مۇھتاج ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان ئەھۋالغا ئۇچرايدۇ.
    ھازىر ئۇلار قول تۇتۇشۇپ 8يىل ۋاقىتنى بىرگە ئۆتكۈزدى. كەلگۈسىدە نىمە پىلانى بارلىقى ھەققىدە توختالغاندا، بورو ئۆزى تۇغۇلغان كىچىك شەھەر ئىتاپىۋا شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى سايلىمىغا قاتىنىشىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئايالى كاتىيۇشا بولسا، پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号