ئەرلەرنىڭ ئايالىغا بىر ئۆمۈر بىلدۈرمەيدىغان ئىككى مەخپىيەتلىكى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6105:قېتىم كورۇلدى
   مەخىپىيەتلىك تىلغا ئېلىنسا، ھەربىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايدىغان مەخپىيەتلىكى بار بولۇپ، ئۇلار بۇنداق مەخپىيەتلىكىنى ھېچقانداق ئادەمگە دىمەيدۇ، ھەمدە بۇنداق مەخپىيەتلىكى بارلىقىنىمۇ بىلدۈرمەسلىككە تىرىشىدۇ. بىز بەزىدە ئەرلەرنى بىرەر ئىشلارنى كۆڭلىدە ساقلاپ يۈرمەيدۇ دەپ قارايمىز؛ بىراق، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ مەخپىيەتلىكى بار.
1. ئىلگىرىكى ئايالى ياكى مۇھەببىتىنى ئەسلەپ قالىدۇ
    كىشىلەر ھەمىشە ئاياللارنى كەسكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ، ئەمما مۇھەببەت مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئاياللار ئەرلەردىنمۇ بەكرەك كەسكىن كىلىدىغان بولۇپ، ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن، گەرچە ئۇلار بىر مەزگىل ئازاپلانسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ بىر بۆلەك مۇھەببەتتىن ئۆزىنى پۈتۈنلەي تارتىپ چىقىرىدۇ. ئەمما، ئەرلەر ئاياللارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇلار گەرچە باشلىنىشتا ناھايىتى قەتئى نىيەتكە كەلگەندەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىر يىڭى ئايالى ياكى قىزدوستى بار بولغان تەقدرىدىمۇ، يەنىلا ئۆزىمۇ ئىختىيارسىز ھالدا ئىلگىركى ئايالى ياكى قىز دوستىنى ئەسلەپ قالىدۇ.
    ئەلۋەتتە، ئەرلەر ئىلگىرىكى ئايالى ياكى قىز دوستىنى ئەسلەپ قالغانلىقىنى ھازىرقى ئايالى ياكى قىز دوستىدىن مەخپى تۇتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇنى دىسە، ھازىرقى ئايالى ياكى مۇھەببىتىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.
2. سىز بىلەن بىرگە بولغاندىن كىيىن، باشقا ئاياللارغىمۇ كۆڭلىدە مۇھەببەت قوزغىلىپ قالغان
    ئەمىلىيەتتە، مەيلى ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆمرىدە يات جىنىسلارغا قارىتا كۆڭۈل يۈگۈرتۈپ، مۇھەببەت نوتىلىرى بىخلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بىر قېتىملا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بۇنداق تىترىتىدىغان ئادەممۇ بىرلا بولمايدۇ. تويلىشىش مۇناسىۋىتى ئىچىدە، توي قىلغان ئىككى تەرەپتىن مەيلى قايسى تەرەپ بولمىسۇن، تويدىن كىيىن كۆڭلىدە باشقا يات جىنىسلىقلارغا قارىتا مۇھەببەت پەيدا بولۇپ قالسا، ھەرگىز بۇ ھەقتە ھەرىكەت قوللىنىشقا بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بەزىلەر ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ، قىزىقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇپ كىتەلەيدۇ؛ ئەمما يەنە بەزىلەر بەرداشلىق بىرەلمەي قالىدۇ دە، ئۇلارنىڭ تويدىن كىيىنكى مۇناسىۋىتىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ؛ بۇنىڭدا شۇ ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنىڭ قانداقلىقىغا قارىماي بولمايدۇ.
    گەرچە تويلاشقان جۈپتىدىن باشقا ئادەمگە قارىتا كۆڭلىدە مۇھەببەت شەكىللىنىپ قالسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ۋە كۆڭلىنى كونتىرول قىلىپ كىتەلىگەن ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى بىزنىڭ ئىشىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. شۇڭا، ئادەتتە قىزلار ياتلىق بولماقچى بولغاندا، ئەرلەرنىڭ سىرتقى جەھەتتىكى ياكى ماددى جەھەتتىكى شارائىتىغا بەك ئېسلىۋالماي، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى ياخشى بولسىلا، ئۆزىنى خاتىرجەم ھالدا قارشى تەرەپكە تاپشۇرسا بولىدۇ.
    يۇقارقى ئىككى مەخپىيەتلىك، ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىك بولۇپ، ئۇلار بۇنى ھېچقانداق ئادەمگە ئېيتمايدۇ. بولۇپمۇ ئايالى ياكى قىز دوستىغا؛ چۈنكى بۇ قارشى تەرەپنى خاپا قىلىپ قويىدىغان بىر ئىش، ھەتتا ئېغىر بولغاندا توي تۇرمۇشىمۇ بۇ سەۋەپلىك بۇزۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار بۇ مەخپىيەتلىكنى مەڭگۈ قوسىقىدا ساقلاپ ئۆتۈپ كىتىشنى ئويلايدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号