بانان، يامان ئەمەس بولغان بىر خىل تىروپىك بەلباغ مىۋىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتى سارغۇچ ھەم يۇمشاق، تەمى تەملىك كىلىدۇ، شۇنداقلا ھەر خىل كىشىلەر توپىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن. ئادەتتە باناننى، ھەركۈنلىكى ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىستىمال مىقدارى مۇۋاپىق بولغاندا، ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.
ھەمىشە بانان يەپ بەرگەندە، بەدەنگە قانداق پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
1. ئۇزۇقلۇق ماددا تەركىبى مول بولۇپ، ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىگە قارىتابەلگىلىك قوغداش رولى بار.
باناننىڭ ئۇزۇقلۇق ماددا تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پىكتىن بىلەن كالى ماددىسىنىڭ مىقدارى ھەممىدىن مول. ھەمىشە مۇۋاپىق مىقداردا بانان يەپ بىرىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىپ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازان كسىلاتاسىنىڭ ئاشقازان چاپلاشقاق پەردىسىگە بولغان غىدىقلىشىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاشقازاننى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يىتەرلىك مىقداردىكى كالى تەركىبى قان بېسىمنى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇسكۇللارنىڭ مادارى يوق بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.
2. ئۈچەي يولى مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بانان تەركىبىدە سۈپىتى ئەلا ھەم مىقدارى مول بولغان تالا ماددىسى تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، ھەمىشە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئۈچەي يوللىرىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەي يوللىرىدىكى ئەخلەتنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەت ۋە بوغما ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. كەيپىياتنى تەڭشەپ، ساغلام كەيپىيات شەكىللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بانان تەركىبىدە بىر قەدەر مول مىقداردىكى پانتوتېنىك كىسلاتا بار بولۇپ، باناننى مۇۋاپىق مىقداردا داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەلگىلىك دەرىجىدە خامۇشلىشىشنى تۈگىتىش، روھى بېسىمنى يىنىكلىتىش، خۇشال كەيپىيات شەكىللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن باشقا، بانان تەركىبىدە يەنە كىراخمال قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلغاندا، بەدەنگە يىتەرلىك مىقداردا ئىنىرگىيە تەمىنلەشكە بولىدۇ.
قايسى تۈردىكى كىشىلەر بانان ئسىتىمال قىلسا بولمايدۇ ياكى كۆپ ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ؟
1. قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى ۋە قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر
باناننىڭ تەملىك ھەم تاتلىق كىلىشى، ئۇنىڭ تەركىبىدە ساخارىد تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ نىسبەتەن كۆپ بولغانلىقىدىندۇر؛ ھەر 100گىرام بانان تەركىبىدىكى ساخارىد تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مىقدارى 22گىرامغا يىتىدىغان بولۇپ، قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ چوڭ دائىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى ۋە قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بانان يىمەسلىكى ياكى ئىنتايىن ئاز مىقداردا يىيىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
2. بانان رىئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر توپى
ئەگەر سىزدە بانان رىئاكسيە قىلىدىغان ئەھۋال بار بولسا، ئۇنداقتا سىز يەنە بانان ئىسىتىمال قىلسىڭىز، بۇ بەلكىم پايدىسىز تەسىر قوزغىشى مۇمكىن؛ شۇڭا خەتەرنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بانان رىئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر، ئەڭ ياخشىسى بانان ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك.