ئاجرىشىپ 28يىلدىن كىيىن قايتا ياراشقان ئەر-خوتۇنلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7016:ئادەم ئۆگەندى
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاجرىشىپ كەتكىلى 28يىل بولغان ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئەر-ئايال، ئوغلىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئاستىدا قايتىدىن يارىشىۋالغان. يېقىندا ئۇلار، ئەينى يىلى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەن قايدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ئۇلارنىڭ 34 ياشلىق ئوغلى يىگىت قولدىشى بولغان.
   1979-يىلى، ئاننىت.ۋىنسلىي بىلەن دۇنسان.گىراي، بۇرانس-خاچىدىكى بىر ئاپتومبىل مۇسابىقە مەيدانىدا تۇنۇشقان. ئۇ ۋاقىتتا دۇنسان بولسا قاملاشقان بىر مۇسابىقە ئاپتۇمبىلى ماھىرى بولۇپ، ئاننىت بولسا دوستلىرى بىلەن مۇسابىقە كۆرۈشكە كەلگەن تاماشىبىن ئىدى؛ بۇ جەرياندا دۇنسان بېرىپ ئۇلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق پاراڭلاشقان.
    ئاننىت ئۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دىگەن: "ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، مىنىڭ يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى تىزلاپ كەتكەن ئىدى؛ ئۇزۇن ئۆتمەي بىز ئەر-خوتۇن بولدۇق".
   تۆۋەندىكى سۈرەت، ئۇلارنىڭ 1981-يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تويىدا تارتىلغان سۈرەت. ئۇلار توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوغلى ستائۇرت تۇغۇلدى، شۇندىن كىيىن ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى دۇنسانغا ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا باردى. ئەمما كىيىنچە ئىككەيلەن ئايرىلىپ كىتىپ، ئوتتۇرلىقىدىكى ئالاقىمۇ ئۇزۇنغا بارماي ئۈزۈلۈپ قالغان؛ كىيىنكى 20 نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇلار ئۆز ئالدىغا قايتا تويلىشىپ، يىڭى ئائىلە قۇرغان.
    ستۇئارت ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، 2009-يىلى ستۇئارت ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ياردەملىشىپ دادىسىنى قايتۇرۇپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاننىت بۇرۇنقى دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، دۇنساننىڭ يىڭى ئادرىسىنى تاپقان. ئاننىتنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ماشىنىدىن چۈشمەي ئولتۇرغان، ئوغلى بېرىپ دۇنساننىڭ ئىشىكىنى چەككەن؛ ئارىدىن بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئوغلى قايتىپ كىلىپ، دادىسىنى قايتا كۆرەلىگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ھەمدە دۇنساننىڭ ئۈچەي راكى بولۇپ قالغانلىقى ھازىر ئەسلىگە كىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئاننىت ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى بەك ھەيران قالغان. ئۈچ ئايدىن كىيىن، ئاننىت ئوغلىنىڭ دادىسى دۇنساننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، شۇندىن كىيىن ئىككەيلەن داۋاملىق توردا پاراڭلىشىپ تۇرغان؛ بىراق ئىككەيلەننىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئائىلىسى بولغانلىق سەۋەبىدىن يۈز كۈرۈشمىگەن. كىيىنچە ئاننىت بىلەن دۇنسان ھەر ئىككىسى بويتاقلىق ھالىتىنى ئەسلىگە ئەكەلگەندىن كىيىن، ئىككىسىنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قۇيۇقلاشقان.
    ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، ئاننىت تۇيۇقسىزلا دۇنساننىڭ تېلفونىنى تاپشۇرۋالغان. دۇنساننىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ كىسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، جىددى قۇتقۇزىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر سۈيىدىغان ئايال كىشىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئاننىت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئاننىتمۇ ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭ دۇنساننى يەنىلا چوڭقۇر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. ئاخىرى، 54ياشلىق ئاننىت، ئوغلىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى ئاستىدا، 58ياشلىق دۇنساننىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، ئۇلار بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەن ئاپتومبىل مۇسابىقە مەيدانىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号