1. ھەممە ئىشتىن قۇسۇر تېپىپلا تۇرىدىغان ئادەملەر
بۇنداق ئادەملەرنى مىھماندارچىلىققا باشلاپ بېرىشقا ئەڭ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن بەك ئادەمنى زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار ئادەمدىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ، قورىمىدىن ۋە ھاراقتىن، رىستۇراندىن، مۇلازىمەتتىن ھەتتا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بىللە تاماق يەۋاتقان ئادەملەردىنمۇ قۇسۇر ئىزدەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ مىھماندارچىلىق باشلانغاندىن باشلاپ ئاياغلاشقۇچىلىك ئېغىزى بېسىقمايدىغان بولۇپ، ھەممە نىمىنى بولمايدۇ دەپ ئىنكار قىلىپ چىقىدۇ ھەمدە مىھماندارچىلىقنىڭ كەيپىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2. كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق كىشىلەر
بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆز-كۆز قىلمايدىغىنى بولمايدۇ؛ سومكىسى، سائىتى، ماشىنا ۋە يانفونى، چىكىدىغان تاماكىسى، دوست-يارەنلىرى، پۇرسەت تاپسىلا كۆز-كۆز قىلىدۇ.
3. ھاراققا زورلايدىغان ئادەملەر
ھاراققا زورلاش، ناچار ئادەتنى مەدىنىيەت ھىسابلىۋالىدىغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشىدۇر. ھاراقنى ئىچىشنى ياخشى كۆرسە ئىچىش، ياخشى كۆرمىسە ئىچمەسلىك كىرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالىغا بېقىپ ئىچىش كىرەك؛ چۈنكى ھەر نىمە دىگەن بىلەن، ھاراق دىگەن نەرسىنى كۆپ ئىچىۋالساق، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماي، ئەگەر مىقداردىن ئېشىپ كەتسە، مەست بولۇپ يۈزىمىزنى تۆكىۋىلىشىمىز ۋە باشقىلارنى ئوسال ئەھۋالدا قويۇپ قويىشىمىز مۇمكىن.
4. پو ئېتىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر
ئادەم بىلگەننى بىلىمەن دىيىشى، بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دىيىش، بىلمەيدىغاننى بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالماسلىق كىرەك. بەزى كىشىلەر تۈزۈك سەۋيىسى بولمىسىمۇ، ئىنتايىن سەۋيىلىك قىياپەتكە كىرىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئاغزىغا كەلگەننى خالىغانچە سۆزلەيدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭ يىرگىنىشىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
5. ھاراق ئىچسىلا مەست بولۇپ قالىدىغان ئادەملەر
يەپ-ئىچىش ئەسلىدىنلا كەيپىياتنى تەڭشەپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئەمما ھەر قېتىم ھاراق ئىچىپ بولغىچىلا مەست بولىۋىلىپ، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلسەك، ھەرقانچە يېقىن دوستلارمۇ بىزدىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
6. چوڭچىلىق قىلىپ ئۆزىنىلا مەركەز قىلىۋالىدىغان ئادەملەر
بۇنداق كىشىلەر بىلەن بىرگە تاماق يىگەندە، ئادەم ھەقىقەتەن بەك چارچاش ھىس قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئارتۇق گەپ قىلماسلىقى ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى. كۆپچىلىكنىڭ سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشى، سىز تۇرۋاتقان ئورۇن سەۋەبىدىن بولىدۇ؛ بىراق سىز ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى مىنىڭ ئادىميلىكىمگە ھۆرمەت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالسىڭىز، خاتالاشقان بولىسىز. سىز ئۆزىڭىزنى ھەممىدىن قالتىس ھىس قىلىسىز، ئەمىلىيەتتە كۆپچىلىك سىزنى ئىچىدە ئەخمەق دەپ مەسخىرە قىلىۋاتقان بولىدۇ.