چەتئەلدە ئون ئۈچ جىڭ كىلىدىغان بوۋاق تۇغۇلدى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6903:قېتىم كورۇلدى
   يېقىندا، ئامرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدىكى ئايال جېننىفېر.مىدلوك بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقان؛ ئالى.جامىس.مىدلوك دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىقى 13.4جىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئادەتتىكى نورمال تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كىلەتتى. جېننىفىرنىڭ تۇغۇتىغا مەسئۇل بولغان دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، بۇ بوۋاق ئۇ 30يىللىق كەسپى ھاياتىدا ئۇچراتقان ئەڭ ئېغىر تۇغۇلغان بوۋاق ئىكەن.
    كىچىك ئالىنىڭ ئانىسى جېننىفېر ۋە دادىسى ئېرىك ھەر ئىككىسى بىر مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئالى ئۇلارنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى ئىكەن؛ بۇيىل ئىككى ياشقا كىرگەن قىزى ئاننابىللانىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقىمۇ بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، 9جىڭ تۇغۇلغان ئىكەن. جېننىفېر كۆپ خالتىلىق تۇخۇمداق ئونۋىرسال كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھامىلدار بولمىقى بىرقەدەر تەس بولۇپ، ئۇ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن تۇنجى بولۇپ قىزى ئاننابىللاغا ھامىلدار بولغان. ئەمما ئۇ كىيىنچە داۋاملىق ھالدا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلغاندا، ئىككىنچى بالىسى ئالىغا ھامىلدار بولغانلىقىنى بايقىغان.
    جېننىفېرنىڭ ھامىلدار مەزگىلى نورمال ئۆتكەن ھەمدە ئاخىرىدا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئالىنى تۇغقان. ئالى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى گەۋدىسى بەك چوڭ بولغاچقا، تۇغۇلۇپلا ئۇنىڭدا نەپەس ئېلىشى ئىتتىكلىشىش ھەمدە قاندىكى قەنت مىقدارى ۋە قان پىلازمىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، تۇغۇلغاندىن كىيىنلا يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆزىتىش ئۆيىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن، ئالى ئاندىن ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ ئاچىسى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
    ئالى گەرچە "غايەت زور بوۋاق" ھىسابلانسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا رىكورتنى بۇزالمىغان. 2011-يىلى، ئوخشاشلا تېكساس شىتاتىدا تۇغۇلغان يوھانسون ئىسىملىك بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقى 14.4جىڭ كەلگەن بولۇپ، تېكساس شىتاتى تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تۇغۇلغان بوۋاق بولۇپ قالغان. ھازىرقى جېننىفېر ئىلگىرى دوختۇرلار تەرپىدىن "تۇغالماس" دەپ دىئاگونوز قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بىر قىز،بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇپ، تۇرمۇشى بەخىتكە تولغان. جېننىفېرنىڭ دىيىشىچە، مەيلى ئالىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇ يەنىلا ئالىنىڭ ساق سالامەت بۇدۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号