قىشتا سۇ ئۈزۈشنىڭ پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەرەپلىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6469:قېتىم كورۇلدى
   قىش پەسلى يىتىپ كىلىش بىلەن، نۇرغۇنلىغان سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرى قىشلىق سۇ ئۈزۈش تەنھەركىتىگە ئاتلىنىشقا ئالدىرىشىدۇ. ئۇنداقتا، قىشنىڭ بۇنداق سۇغۇقلىقىدا، يەنە سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانسا، بۇنىڭغا ئادەم بەدىنى بەرداشلىق بىرەلەمدۇ؟ بەزى سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىيىشىچە، قىشتا سۇغا چۈشۈپ، ئازراق سۇ ئۈزۈپ ھەرىكەتلەنگەندىن كىيىن، بەدەن تەدرىجى ئىسسىشقا باشلايدۇ، سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق بولىدۇ دىيىشىدىكەن؛ بۇ خىل ئېيتىلىشلار توغرىمۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، قىشتا سۇ ئۈزۈش، بىر خىل قوش بىسلىق خەنجەر بولۇپ، ئۇنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بار، ھەم زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار.
قىشتا سۇ ئۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
    1. ئۆپكە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سۇ ئۈزۈش نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، نەپەسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆپكىنىڭ ھاۋا سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە نەپەسلىنىش سېستىمىسى كىسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ.
    2. قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دەسلەپ سۇغا كىرگەن ۋاقىتتا، قان تۇمۇرلار تارىيىپ، زور مىقداردىكى قانلار ئىچكى ئەزالارغا يېغىلىدۇ؛ بىراق ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، قان تۇمۇرلار تەدرىجى كېڭىيىپ، قان سۇيۇقلۇقى، ئىچكى ئەزالاردىن بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ. بۇنىڭدا تاجىسىمان ئارتىرىيەدىكى قان ئايلىنىش مىقدارى ئاشىدۇ.
    3. قان تۇمۇرلارنى يۇمشىتىدۇ. سۇ ئۈزگەن ۋاقىتتا، قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ماي ئىنىزىمىنىڭ مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خولىستىرىننى ئاجرىتىپ پارچىلاشقا ياردىمى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    4. سۇغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. قىشتا سۇ ئۈزۈش ئادەم بەدىنىنىڭ سۇغۇققا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    5. مۇسكۇلنىڭ كۈچ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ. سۇ ئۈزۈشتە پۈتكۈل بەدەننىڭ مۇسكۇللىرى ھەرىكەتلىنىشكە كىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا مۇسكۇلنىڭ كۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
قىشتا سۇ ئۈزۈشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى
    1. قان بېسىمنى يۇقىرى كۆتۈرۋىتىدۇ. قىشتا سۇ ئۈزگەندە، تىمپىراتۇرا بىراقلا تۆۋەنلەپ، تۆۋەن تىمپىراتۇردا تۇرىدىغان ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، قان تۇرمۇرلارنىڭ تارىيىشى بارغانسىرى كۆرنەرلىك بولىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى بارغانسىرى تىزلەپ مېڭىپ، قان بېسىمى بىنورمال كىشىلەرگە قارىتا پايدىسىز بولىدۇ.
    2. سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ۋەقەسى. تۆۋەن تىمپىراتۇرغا ماسلىشىپ بولالماي تۇرۇپلا سۇغا كىرگەندە، ئاسانلا نەپەس سىقىلىش، يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىش، بېشى قېيىپ كۆڭلى ئېلىشىش، پۇت قوللىرى سىقىراپ سىزىمىنى يوقىتىش، مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەتتا سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号