يانفون سېتىۋىلىش ئۈچۈن بۆرىكىنى ساتقان بالا يادىڭىزدا بارمۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7195:قېتىم كورۇلدى
    ئالما يانفونىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى بار—"بۆرەك يانفونى"؛ ھەر قېتىم ئالما شىركىتى يىڭى خىل يانفون چىقارغاندا، تورداشلار، يەنە بۆرەك ساتىدىغان مەزگىل كەپتۇ دەپ چوقان سېلىشىدۇ. ئىلگىرى، 19ياشلىق بىر ئوغۇل، يىڭىدىن بازارغا چىققان iphone4s سېتىۋىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى قاراڭغۇ بازاردا 20مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتكەن. ھازىر ئارىدىن يەتتە يىل ۋاقىت ئۆتتى، ئەينى يىلى بۆرىكىنى ساتقان ئۇ بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
    ئۇ يىگىتچاقنىڭ ئىسمى شىياۋ ۋاڭ بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ھەر ئىككىلىسى ئادەتتىكى خىزمەتچى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ iphone4s ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ بىرەلمىگەن. شىياۋۋاڭ بولسا ئالما تېلفوننىڭ سادىق مەستانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ iphon4s يانفوننى ئويلاپ نىرۋىسى ئادىشىپ قالغادەك بولۇپ قالغان ھەمدە قارا ۋاستىچىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن، خۇنەندىكى بىر يەرئاستى دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان.
    قارشى تەرەپنىڭ بەرگەن، ئوپراتسىيىدىن كىيىن يۇقىرى سوممىلىق ھەق بىرىش ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، بۇنىڭ قاراڭغۇ بازار ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، شىياۋ ۋاڭ يەنىلا ئەخمەقلىق قىلىپ، بۆرەكنى كىسىپ ئېلىش ئوپراتسىيىسى قىلغۇزغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق 22مىڭ يۈەن پۇلغا ئىرىشىپ، ئارزۇسى بويىچە iphone4s سېتىۋالغان.
    دەسلىۋىدە، شىياۋۋاڭ بۆرەك سېتىپ يانفون سېتىۋىلىشنى ئەرزىيدىغان ئىشتەك ھىس قىلغان؛ بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ساغلام ھالىتىدىن پۈتۈنلەي ئەسەر قالمىغان؛ دوختۇرلار تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ بۆرەك ئىقتىدارى كەمتۈك دەپ دىئاگونوز قويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالى ئۈچىنچى دەرىجىلىك مېيىپ ھىسابلىناتتى.
    ھازىرغا كەلگەندە، شىياۋۋاڭنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالماس بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ، كىيىنكى ئۆمرىدە كارۋاتتا باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئىھتىياجلىق بولۇپ ئۆتۈشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.
   بۇرۇن، 19ياشلىق شىياۋ ۋاڭنىڭ بوي ئىگىزلىكى بىر مىتىر توقسان سانتىمىتىرغا يىتەتتى، ئۆزىمۇ چىرايلىق ھەم قاملاشقان بالا ئىدى؛ ئەمما ئۇ شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ، بىردەملىك قىزىققانلىق بىلەن، ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ئۆزى ۋەيران قىلدى. گەرچە كىيىنچە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قارا ۋاستىچى ۋە دوختۇرخانىنى سوتقا ئەرز قىلىپ، كۆڭلىدىكىدەك تۆلەمگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما پۇل ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، ساغلاملىقنى سېتىۋالغىلى بولمايتتى.
   بۆرىكىنى ساتقاندىن كىيىن، شىياۋ ۋاڭ ئۆگىنىشنى تاشلاپ، دىپلوممۇ ئالمىغان؛ ئۇ ھازىر پەقەت تۆۋەن كاپالەت پۇلىغىلا قاراشلىق بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئاساسى جەھەتتىن قۇرۇقدىلىپ قالغان ئىدى. ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئىستىمال قىلىشتا ئىدراكلىق بولۇشىمىز، "يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش"نى بىلىشىمىزلازىم. ھازىرقىدە ماددى ئىستەك ئەۋج ئالغان، كىشى قەلبى تۇترۇقسىز بولۇپ قېلىۋاتقان دەۋردە، ئېقىمغا ئەگىشىشىمىزنىڭ زىيىنى يوق، ئەمما مادارىمىزغا قاراپ ئىش كۆرۈشنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك؛ بولۇپمۇ شىياۋۋاڭغا ئوخشاش، تەن ساغلاملىقىمىزنى بەدەل قىلىپ تۇرۇپ يۇقىرى ئىستىمال قوغلىشىش ئۇسۇلىنى ھەرگىز قوللىنىشقا بولمايدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号