شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 374495:ئادەم ئۆگەندى

    ئۇستاملارنىڭمۇ ئاز تولا سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كىرەك؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالغاندىكى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.

1. ئۇن ياكى گۈرۈچ قوشۇش

    بىر پارچە پاكىزە دوختۇر داكىسى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئازراق ئۇن ياكى گۈرۈچ يۆگەپ شورپىغا سېلىپ قايناتساق، ئۇن ياكى گۈرۈچ شورپىدىكى تۇزنى سۈمۈرۋالىدۇ، شورپىنىڭ تەمىمۇ نورماللىشىدۇ.

2. پىششىق تۇخۇم قوشۇش

   تۇخۇم تۇزنى بەك يەيدۇ، شۇڭلاشقا ئادەتتە تۇخۇم قورىغان ۋاقىتلىرىمىزدا، كۆكتاتلار تەمى ناھايىتى ياخشى، ئەمما تۇخۇم تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەگەر شورپىنىڭ تۇز تەمى ئۆتۈپ كىتىپ تۇزلۇق بولۇپ قالغاندا، قازانغا پىششىق تۇخۇم قوشىۋەتسەك، تۇخۇم شورپىدىكى تۇزنى ئۆزىگە تارتىپ، شورپىنىڭ تۇز تەمىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

3. بەرەڭگە قوشۇش

   شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالغاندا، بەرەڭگىنى پارچە قىلىپ توغراپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن شورپىغا سالىمىز؛ بىرىنچى پارچىنى سېلىپ بىر مىنوت ساقلىغاندىن كىيىن تېتىپ باقىمىز، ئەگەر تۇز تېخىچە تەڭشەلمىگەن بولسا داۋاملىق ئىككىنچى پارچىنى سالىمىز... تاكى شورپىنىڭ تەمى تەڭشەلگىچە داۋاملاشتۇرىمىز. بەرەڭگە ئادەتتە ناھايىتى تۇز سۈمۈرۈشچان بولۇپ، شورپىنىڭ ئەسلى تەمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

4. قەنت قوشۇش

    بىر تال قەنت سېلىپ، ئىرىشكە باشلىغان ھامان سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز، چۈنكى قەنتمۇ ئارتۇق تۇزنى سۈمۈرۋالالايدۇ؛ ئەگەر بىر قېتىمدا بولمىسا، داۋاملىق ئىككىنىچى ئۈچىنچى قېتىم تەڭشىسەك بولىدۇ.

5. پەمىدۇر ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمۇسى قوشۇش

    قورۇما قورىغاندا ياكى شورپا قايناتقاندا تۇز تەمىنى ئۆتكۈزۈپ سېلىپ تۇزلۇق بولۇپ قالسا، مۇۋاپىق مىقداردا پەمىدۇر ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قوشۇۋەتسەك، تۇزلۇق تەمنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

سامساقنىڭ راكقا قارشى رولى بولسىمۇ لېكىن بەزى ئادەملەر يېسە خەتەرلىك

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل

دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق

پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ

قۇۋۋىتى گۆش بىلەن باراۋەر كېلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن

قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى

چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش

كاناي ياللۇغى بىمارلىرى يازدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号