
ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ئادەتتە بىر خىل ئامىگدالىن دەيدىغان ماددا بولىدۇ، ئامىگدالىن ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي ئېنىزىمىدا ئېرىگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددا گىدروسيانىد كىسلاتاسىنى قويۇپ بېرىدۇ. گىدروسيانىد كىسلاتاسى توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدىكى تۆمۈر تەركىبلىك نەپەسلىنىش ئېنزىمى بىلەن بىرگە توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى ئوكسىگېندىن پايدىلىنالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كىشىلەردە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىدىن بالىلار يىگىرمە تال، قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئەللىك تال يېگەندە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆرۈك مېغىزىدىن زەھەرلىنىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، زەھەرلەنگۈچىنى جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك. زەھەرلەنگۈچى مۇنداق چاغدا بىر ئىستاكان قايناقسۇ ياكى كالا سۈتى ئىچىپ، ئاندىن قول بارمىقى بىلەن كېكىرتەك قىسمىنى غىدىقلىغاندا، سۇ ۋە يېمەكلىك بىرلىكتە قۇسۇپ چىقىرىلىدۇ. ئەگەر زەھەرلىنىش ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىپ، ھاياتقا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.
ئاچچىق ئۆرۈك، شاپتۇل، نەشپۈت مېغىزى قاتارلىقلاردىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئادەتتە بۇ خىل مېۋە مېغىزلىرىنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك، ئەگەر كېسەل داۋالاش ئۈچۈن يېمەكچى بولسا چۇقۇم ئاۋۋال 2-3كۈن بۇرۇن سۇغا چىلاپ قويۇش ھەم بۇ مەزگىلدە سۇنى ئاز بولغاندا 6-8قېتىم ئالماشتۇرۇش، ئاندىن پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك.

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق
جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل
پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ
سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن
چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش
ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号