پېچەكگۈل تاغدا ئۆسىدىغان دورا بولۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئىچىدىكى دورىلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ساغلاملىق يېمەكلىكى ياسىغىلى بولۇپلا قالماي، كېسەللىكنى تەڭشەشتە دورىلىق قىممىتى بار. پېچەكگۈلنىڭ تەركىبىدە 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە 10 نەچچە خىل مىكرو ئېلېمېنت ھەمدە مىنېرال ماددىلار بار. ئۇنداقتا پېچەكگۈلنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

1. تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئاشقازانغا پايدىلىق.
پېچەكگۈل تەركىبىدە كىراخمال ئېنزىمى، پولىفېنول ئوكسىدازا قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا پايدىلىق، تال ۋە ئاشقازاننى مۆتىدىل ھالەتتە قۇۋۋەتلەيدىغان دورا ۋە يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېسىل يېمەكلىكتۇر. مەيلى تالنىڭ مۇسبەتلىكتىن زەئىپلىشىشى بولسۇن ياكى ئاشقازاننىڭ مۇئەننەستىن زەئىپلىشىشى بولسۇن، ئوخشاشلا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. كىلىنىكىدا دائىم تال ۋە ئاشقازان زەئىپلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. پېچەكگۈلنىڭ يېڭى تۈگۈنەك غولى تەركىبىدىكى كۆپ قەنتلىك ئاقسىل تەركىبلىك يېپىشقاق ماددا، ھەزىم قىلىش فېرمېنتى قاتارلىقلار يۈرەك قان تومۇرىغا ياغ يىغىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ۋە بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق.
2. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى ساغلام قىلىدۇ.
پېچەكگۈل تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەن ۋە ئورگانىزملارنى كۈچەيتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار. ئەمما بۆرەك زەئىپلىشىش، ئېھتىلام بولۇش، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئوخشاشلا ئىستېمال قىلسا بولۇۋېرىدۇ.

3. ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.
پېچەكگۈل تەركىبىدە ساپونىن، يېپىشقاق ماددا بولۇپ، ئۆپكىنى سىلىقلاش، قۇۋۋەتلەش رولى بار، شۇڭا ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكىنىڭ مەنپىيلىكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆپكە زەئىپلىشىشتىن كېلىپ چىققان بەلغەم تۈكۈرۈش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
4. ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.
پېچەكگۈل تەركىبىدە زور مىقداردىكى يېپىشقاق ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار بولۇپ، قاندىكى ماي ماددىسىنىڭ قان تومۇر دىۋارىدا چۆكمە ھاسىل قىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەش، روھنى كۆتۈرۈش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش قاتارلىق رولى بار.

5. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
پېچەكگۈلنىڭ تۈگۈنەك غولىدىكى مول پولى ساخارىد ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تەڭشەپ، سىكلوفوسفامىد كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تورمۇزلىنىپ قېلىشقا قارىتا قارشىلىشىش رولى بار، ئۇندىن باشقا يەنە ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۇتۇش رولىنى كۈچەيتىدۇ.
6. ئورۇقلىتىپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ.
پېچەكگۈل تەركىبىدە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنت، مول ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بار، بولۇپمۇ كالىي تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى، تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئورۇقلىتىش، ھۆسن تۈزەش رولى بار. يۈەن سۇلالىسىدە ياشىغان تال ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ماھىر ئۇستا تېۋىپ لى گاۋ: «پېچەكگۈلنىڭ تېرىنى سىلىقلاش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشتە ئۆزگىچە داۋالاش ئۈنۈمى بار» دېگەن.

7. قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىدۇ.
پېچەكگۈل تەركىبىدىكى شىلىمشىق ئاقسىلنىڭ قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالىنىشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق
جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل
پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ
سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن
چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش
ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号