قارا ئاشلىقنى قانچە كۆپ ئىستېمال قىلسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 74324:ئادەم ئۆگەندى

 قارا ئاشلىقنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سېللىلوزا بولۇپ، سېللىولوزا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سېللىلوزا بولغان يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ.

سېللىلوزا ئادەتتە زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل، ئانىئورگانىك تۇز ۋە مەلۇم خىل مىكرۇ مىقدارلىق ئېلېمېنت قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن سۇدا پىشۇرۇلغان ياكى قورىغان سېرىق پۇرچاقنى يىگەندە سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈپ ھەزىم قىلىنىش نىسبىتى ئاران %50 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما سېرىق پۇرچاقنى پىششىقلاپ پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا ئايلاندۇرغاندا، سېرىق پۇرچاق تەركىبىدىكى سېللىلوزىنىڭ تەركىبى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرلۈش نىسبىتى %90 گە يىتىدۇ.

قارا ئاشلىقنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلغان يېراق قەدىمقى دەۋىردىكى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ پەقەت تۆتتەن بىرىگە توغرا كەلگەن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان. گەرچە بۇ گېن قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق يەنە باشقا بىر جەھەتتىن ئويلاشقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ قارا ئاشلىقىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى قارا ئاشلىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولۇپ قالغان.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى سېللىلوزىلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، ئاقسىل، ياغ ۋە مىكرۇ مىقدارلىق ئېلېمېنت قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلىشى يېتەرلىك بولماي ياكى كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

جۇڭگو ئوزۇقشۇناسلار جەمئىيىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر بىر كۈن ئىچىدە ئىستېمال قىلىدىغان ئاساسى يېمەكلىك 400~250 گرام بولسا، بۇنىڭ ئىچىدە قارا ئاشلىق 100~50 گرامغىچە نىسبەتنى ئىگەللىسە مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، نورمال كىشىلەر قارا ئاشلىقىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىستېمال قىلسا ھەم ئىستېمال قىلىش ۋاقتى چۈش مەزگىلىگە توغرا كەلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن.

سامساقنىڭ راكقا قارشى رولى بولسىمۇ لېكىن بەزى ئادەملەر يېسە خەتەرلىك

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل

دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق

پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ

قۇۋۋىتى گۆش بىلەن باراۋەر كېلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن

قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى

چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش

كاناي ياللۇغى بىمارلىرى يازدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号