چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كىچىك تاكتىكا
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 325122:ئادەم ئۆگەندى
   چاچ چۈشۈش، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل تىرە كېسەللىكى بولۇپ، ماي تەپچىش تىپىدىكى چاچ چۈشۈش، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش، ۋە پۈتۈن چۈشۈش(تازلىق كېسىلى) قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
   ئادەتتە ئۇچرايدىغان چاچ چۈشۈشنىڭ، كۆپ قىسىمى ماي تەپچىش تىپىدىكى چاچ چۈشۈش بولۇپ (چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ %95نى ئىگىلەيدۇ)، كېسەللىك ئالامىتى بولسا، بىمارنىڭ تىرە قاتلىمىدىكى ماي تەركىبى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن سىرتقا تەپچىرەپ چىقىپ، چاچنىڭ مايلىق ھەم نەم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە يەنە باش تىرىسى قىچىشىش قاتارلىق ياللۇغ كېسەللىكلىرى ئەگىشىپ كېلىدۇ.
   نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ئادەمنىڭ ھەركۈنى 80تال ئەتراپىدا چېچى چۈشىدۇ؛ ئەگەر 120تالدىن ئېشىپ كەتسە، چاچ چۈشۈش كېسەللىكىگە تەۋە بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى رەسمىي يۇسۇندىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش كېرەك.
   ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان چاچ چۈشۈشنى ياخشىلاش ئۇسۇللىرىدىن، باش تېرىسىنى غىدىقلاش ئۇسۇلى بار.
   1. ياغاچ تاغاق بىلەن چېچىمىزنى تاراش ئارقىلىق باش تېرىسىنى غىدىقلىساق بولىدۇ؛ ۋە ياكى قولىمىزنىڭ بارماقلىرىدا، رېتىملىق ھالدا غىدىقلاپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. بىر كۈندە نەچچە قېتىم ئېلىپ بېرىش كېرەك.
   2. زەنجىۋىلنى ئىزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، بېشىمىزغا چاپقاندىن كېيىن قولىمىزدا ئۇۋۇلاپ غىدىقلاپ بەرسەك بولىدۇ؛ ھەركۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
   3. سۇغۇق سۇدا بېشىمىزنى يۇغاندىن كېيىن، قول بارماقلىرىمىزدا باش تىرىمىز قىزىغۇچە ۋە ئاغرىق تۇيغۇسى پەيدا بولغۇچە بېشىمىزنى ئۇۋۇلاپ بەرسەك، چاچ چۈشكەن رايونلاردىكى تىرە ماي بېزى ۋە قان ئايلىنىشنى غىدىقلاپ، چاچ ئۆسۈش سۈرئىتىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.
   4. چوڭ ئاپلىسىن(柚子) پوستىدىن 25گىرام تەييارلاپ، قايناقسۇغا چىلاپ 24سائەت قويۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇ سۇنى ھەركۈنى چېچىمىزغا ۋە باش تىرىمىزگە 3-2قېتىم سۇۋاپ بەرسەك، چاچ ئۆسۈشنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا، ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىدا ئىسپاتلىنىشىچە، مىجەزى تىرىككەك، ئاسان غەزەپلىنىدىغان، جىم تۇرالمايدىغان دېگەنگە ئوخشاش كەيپىياتى تۇراقلىق بولمىغان كىشىلەردە، ئاسانلا چاچ چۈشۈش كۆرىلىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئۆزىمىزنى قويىۋىتىپ، كەيپىياتىمىزنى تۇراقلىق ھالدا ساقلىساق، بەدەندىكى ھۈجەيرە، ئورگانىزىم ۋە ئەزالارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، چاچ چۈشۈشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

سامساقنىڭ راكقا قارشى رولى بولسىمۇ لېكىن بەزى ئادەملەر يېسە خەتەرلىك

بەزىلەر سامساق يېيىشكە ئامراق، چۈنكى سامساقنىڭ تەمى ئۆزگىچە لېكىن سامساق ئاشۇ ئۆزگىچە تەمنى يەنە بەزىلەر ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن. سامساق

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر

جىگەردىكى زەھەرنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر سەۋزە:سىمابنى ئۈنۈملۈك تازىلايدىغان يېمەكلىك. سەۋزىنىڭ تەركىبىدىكى مول مىقدارلىق مېۋە يېل

دائىم پىياز يەپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق

پىيازنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ

قۇۋۋىتى گۆش بىلەن باراۋەر كېلىدىغان بەش خىل يېمەكلىك

سۇلۇ يارمىسى: سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %3 تىن سەللا تۆۋەن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە ماگنىي، ئارسېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېن

قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ بىر نەچچە خىل ئاددىي ئۇسۇلى

چاي شامىسى: چاي شامىسىنى قۇرۇتۇپ، خالتىغا سېلىپ ياستۇق ئورنىدا ئىشلەتسە، يۇمشاق ۋە راھەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتسە، يۇمش

كاناي ياللۇغى بىمارلىرى يازدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ﻳﺎﺯﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﻳﺎﻟﻠﯘغﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻻﺯﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ، ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号