مۇھەببەتتە نۇرغۇن ئەرلەر شەخسىيەتچى كىلىدۇ ؛ بەزىلىرى بەلكىم ئەسلىدىنلا سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ ، ئۆزى بىر ئادەم زىرىكىشلىك ھىس قىلىپ ، ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىش ئۈچۈن سىز بىلەن بىرگە بولغان بۇلۇشى مۇمكىن ؛ ئۇنداقلار سىزگە ئەسلا ئىتىبار بىلەن قارىمايدىغان بۇلۇپ ، سىزگە ئارتۇق تەلەپ قويۇپ ، ئۆزىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنىلا قاندۇرۇشنى بىلىدۇ . تۆۋەندىكىلەر شەخسىيەتچى ئەرلەردىلا بۇلىدىغان 4 خىل ئالاھىدىلىك بۇلۇپ ، ئەگەر قارشى تەرەپتە 2 خىلدىن ئارتۇقى كۈرۈلسە ، ئۇنى ھەر قانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ئۇنىڭغا ياتلىق بۇلۇشقا بولمايدۇ !
1. ھەر قېتىم تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىنلا يوقاپ كىتىدىغانلار
شەخسىيەتچى ئەرلەرنىڭ ئەڭ كۆرنەرلىك بەلگىلىرىنىڭ بىرى ئىچى تار پىخسىق كىلىشتۇر . ئۇلار ھەردائىم ئاياللار ياكى دوستلىرى بىلەن سىرتقا تاماق يىيىشكە چىققاندا ، شەخسىيەتچى ئەرلەر ھەممىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق پۇلى تۆلەشنى خالىمايدۇ، پۇل تۆلەشتىن قاچىدۇ . تاماق يىيىلىپ ئاخىرلىشاي دىگەندە ، شەخسىيەتچى ئەرلەر باھانە تېپىپ مەست بۇلىۋالىدۇ ياكى تازىلىق ئۆيىگە كىرىۋىلىپ ، باشقىلارنىڭ پۇل تۆلىشىنى كۈتىدۇ .
2. سىز ئۈچۈن ئويلاشمايدىغانلار
ئەرلەر بىر ئايال كىشىنى چوڭقۇر سۆيگەن ۋاقتىدا ، ئۇنىڭغا كۈيۈنىدۇ ، ئۇنىڭ رايىغا باقىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئويلىشىشىنى ، ئۇنىڭ نوقتىنەزىرىدىن مەسىلىلەرنى ئويلاشنى خالايدۇ . مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا ، ئەگەر ئەرلەر ھەممە ئىشتا ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىپ ، سىزنىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشىڭىزنى تەلەپ قىلسا ، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئىتىبارغا ئالمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ناھايىتى شەخسىيەتچى كەلگەن بۇلىدۇ ، سىزنى سۈيۈشىمۇ يىتەرلىك ئەمەس بۇلىدۇ .
3. تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلار
بىر ئەر كىشى بىر ئايالنى ياخشى كۈرۈپ قالغىنىدا ، كۆپىنچىلىرى ئۆزى تۆلىگەن بەدەللىرى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ، پەقەت قارشى تەرەپكە ياردىمى بولغان بولمىغىنىغىلا قارايدۇ . ئەگەر بىر ئەر كىشى سىز ئۈچۈن قىلغان كىچىككىنە بىر ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ سىزدىن جاۋاب تەلەپ قىلسا ، ئۇنداقتا ئۇ ناھايىتى شەخسىيەتچى ئەرلەردىن بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ .
4. ئۇرۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلمايدىغانلار
ئەرلەر ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلماي ، جاھىللىق بىلەن ئۆز مەيدانى ۋە پىكىر-قارىشىدا چىڭ تۇرۋالسا ، ئاياللار بىلەن گەپ تالىشىپ قالغىنىدا مەمەدانىلىق ۋە يولسىزلىق قىلسا ، ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشقاندا ئاياللارنى ئۇرۇپ تىللىسا ، بۇ پەقەت شەخسىيەتچى ئەرلەردىلا بۇلىدىغان ئالاھىدىلىكتۇر .بۇنداق ئەرلەر ئۆزى خالىمىغان ئىشنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭىدۇ ؛ ئۇلار قانچىلىك شەخسىيەتچى بولغانسىرى ، شۇنچىلىك رەھىمسىز كىلىدۇ .