تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان ماغدۇرسىزلىققا مەنپەت قىلىدىغان بولۇپ، دوستلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.
1. ياڭاق مېغىزىدىن مۇراببا ياساپ يەپ بەرسە بولىدۇ ۋە ياكى 1 كىلوگرام ياڭاقنى يانجىپ، 1 كىلوگرام ھەسەلگە ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە 1 قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر ئاش قوشۇقتىن يەپ بەرسە بولىدۇ.
2. يېمىش (قۇرۇق ئۈزۈم) ۋە ياڭاق مېغىزىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ خېمىر قىلىپ، كۈنىگە 50 گىرامدىن 2 ۋاق يەپ بەرسە بولىدۇ. ئۈزۈم شەربىتىنى 50 مىللىلېتىردىن 3 ۋاق ئىچىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
3. بادام مېغىزى بىلەن ياڭاق مېغىزىنى بىرگە سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېسە بولىدۇ.
4. نارجىلنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە ياكى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

5. 100 گىرام ياڭاق مېغىزى، 30 گىرام ئالقات قوشۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈرۈچ بىلەن قاينىتىپ، شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچسە بولىدۇ.
6. خاسىڭ مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ.
7. 60 گرام كۈدە يىلتىزىنى چىلاشقۇدەك سۇدا قاينىتىپ سىقىپ، سۈيىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
8. خورمىنى يېڭى سۈتتە قاينىتىپ، دارچىن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ياكى خورمىنى گۈرۈچ بىلەن قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچسە بولىدۇ.
9. بادام مېغىزىدىن ھەر كۈنى 20 دانىدىن يەپ بەرسە ياكى بادام مېغىزىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ مۇراببا قاينىتىپ ئىچسە بولىدۇ.
10. قوناقنى يىرىك ئېزىپ، پاقلان گۆشى ۋە ھەرخىل كۆكتاتلار بىلەن بىللە پىشۇرۇپ، يارما ئاش ئېتىپ يەپ بەرسە ئوبدان مەنپەت قىلىدۇ.

ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر، مەملىكىتىمىزدە ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ب
ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە
ھاياتلىق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئامېرىكا چىكاگو غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭىدىن
ھازىر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېڭى بىر خىل چېنىقىش ئۇسۇلى بولغان پەلەمپەيدىن چىقىپ-چۈشۈشنى سىناپ كۆرمەكتە. 10
تۆۋەندىكى ئىش-ھەرىكەتلەر ئەرلەردىكى ئۇرۇق سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، ئاجىزلىشىشىغا ھەتتا ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەتراپىمىزدىنلا تېپىلىدىغان يېمەكلەر ئەرلەردىكى بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىدىن بولغان
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号